خەۋەرلەر

ئۇيگۇرلارنىڭ تەشكىلاتى ئامېرىكىدا سۈرگۈندىكى ھۆكۈمەت قۇردى

ياپونىيەنىڭ "يومىئۇرى شىنبۇن" گېزىتى ۋە "سانكەئى شىنبۇن" گېزىتىنىڭ 17 - سەنتەبىردىكى خەۋىرى.

9 - ئاينىڭ 17 - كۈنى خىتاينىڭ ھوڭكوڭدا كىقىدىغان "ۋەنھۇئى گېزىتى"نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتايدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولۇشنى نىشان قىلغان ئۇيگۇرلارنىڭ تەشكىلاتى ئامەرىكىدا مۇشۇ ئاينىڭ 14 - كۈنى "شەرقىي تۈركىستان سەرگەردان ھۆكۈمىتى" نى قۇرغان.

ئائۇسترالىيەدىكى "شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى" نىڭ رەئىسى ئەھمەت ئىگەمبەردى جۇمھۇھرىيەت ھۆكۈمىتىنىڭ پىرىزدەنتلىقىغا تەيىنلەنگەن.

سۈرگۈندıكı ھۆكۈمەتكە ئالاقىدار ئامەرىكىدىكى ئۇيگۇرلار خىتاينىڭ غەربىدىكى خىنجىئاڭ ئۇيگۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇستەقىللىقىنى كۆزلىگەن شەرقىي تۈركىستان پائالىيەتكىلىرى 1000 كىشى ئەتراپىدا بولۇپ، ئامەرىكا ھۆكۈمىتىنى قوللاشقا ۋە ياردەمگە كاقىرغان. "ۋەنھۇئىبائو" گېزىتى، "ئامەرىكا ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنى ئېتىراپ قىلسا، كەلگۈسىدە ئامەرىكا-خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىشكە سەۋەپكى بولىدۇ"-دەپ تەنقىت قىلدى.( كالىنىڭ مۈڭگۈزىگە ئۇرسا تۇۋىقى سىقىرايدۇ-تەرجىماندىن )

http://www.yomiuri.co.jp/world/news/20040917id22.htm

( سانكېي گېزىتى قەغەز يۈزىدە ئېلان قىلغان،خەۋەردار بولغايسىلەر )

ياپونچىدىن قاراخان تەرجىمە قىلدى.

شەرقىي تۈركىستان ئاخبارات مەركىزى


2004-يىلى 21-سېنتەبىر، جۈمە
ياپونىيە سانكېي گېزىتى
بۇ ئۇچۇر576.قېتىم ئوقۇلدى

شەرقىي تۈكىستان جۇمھۇرييىتي سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى©2004-2010

XHTML 1.0 Strict xelqara ölchimige uyghun. CSS xelqara ölchimige uyghun.