خەۋەرلەر

ئامېرىكىدا شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى قۇرۇلدى

شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازاتلىق مەركىزىنىڭ رەئىسى ئەنىۋەر يۈسۈپنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە تەشكىللىشى، ئامېرىكىدىكى ۋە باشقا ئەللەردىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ قوللىشى بىلەن ئامېرىكىدا 2004-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى "شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى" رەسمى قۇرۇلغانلىقىنى جاكالىدى.

Aq Sarayda Sh.Türkistan Sürgündiki Hökümiti quruldi.

تۈركىيەنىڭ دۆلەت تەلەۋىزىيىسى ت رت 9-ئاينىڭ 16-كۈنىدىكى خەۋىرىدە، "ئامېرىكىدا شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى"نىڭ قۇرۇلغانلىقىنى، بۇنىڭ دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنى ئىنتايىن سۆيۈندۈرگەنلىكىنى، بۇنىڭ بىلەن خىتاينىڭ ئەندىشىگە چۈشىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ت رت يەنە شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنىڭ جۇمھۇر باشلىقى ئەخمەت ئىگەمبەردى، باش مىنىستىرى ئەنىۋەر يۇسۇپ، سۇلتان ماھمۇت مەجلىس باشلىقى بولغانلىقىنى، ھازىرچە ھۆكۈمەت ئەزالىرىنىڭ 17 كىشىدىن تەركىپ تاپقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

Hökümet Ezaliri Amerika Aq Saray Aldida

شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسۈتۈپ، خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ زۇلمىغا قارشى كۈچلۈك پائالىيەت ئېلىپ بېرىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىق يولىدا جان پىدالىق بىلەن كۈرەش قىلىشىنى ئۈمۈت قىلىمىز ۋە قوللايمىز. سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىمىزنىڭ قۇرۇلغانلىقى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئارزۇسى، ئىرادىسى بولۇپ، خەلقىمىز چوڭ ئۈمۈتلەرنى كۈتىدۇ. سۈرگۈندىكى ھۆكۈمەتنىڭ بارلىق كۈرەشلىرىگە مۇۋەپپەقىيەت تىلەيمىز ! ياشىسۇن شەرقىي تۈركىستان خەلقى !

Bir qisim hökümet ezalri Aqsaray aldida

چەتەلدىكى بارلىق تەشكىلات ۋە شەخسلەرنىڭ سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىمىزنى ھەر جەھەتتىن قوللىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

 

شەرقىي تۈركىستان ئاخبارات مەركىزى

رەئىس: ئابدۇجېلىل قاراقاش

مۇئاۋىس رەئىس:ئەركىن قاراخان


2004-يىلى 16-سېنتەبىر، جۈمە
قاراخان
بۇ ئۇچۇر577.قېتىم ئوقۇلدى

شەرقىي تۈكىستان جۇمھۇرييىتي سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى©2004-2010

XHTML 1.0 Strict xelqara ölchimige uyghun. CSS xelqara ölchimige uyghun.