خەۋەرلەر

زالىم خىتاي ھۆكۈمىتى ئابدۇغېنى مۇھەممەتىمىننى قولغا ئېلىش بىلەن توختاپ قالمىدى

تاجاۋۇزچى، دەكتاتور خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندا دۆلەت تېررورلۇقى يۈرگۈزۈپ، يۈز مىڭلىغان ئۇيگۇرنى ئۆلتۈردى ۋە تۇتقۇن قىلىپ تۇرمىلەرگە تاشلاپ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قىيىن-قىستاقلار بىلەن زىيانكەشلىك قىلدى، مال-مۈلكىنى، ئۆي-زىمىنلىرىنى بۇلىدى. بۇ ناھەقچىلىقلارغا چىداپ تۇرالمىغان قارشى تۇرغان، ئاشكارا پىكىر قىلغان ياكى بۇ ئادالەتسىزلىك، قىرغىنچىلىق، مىللى زۇلۇم ۋە قانلىق باستۇرۇشلارنى شارائىت يارىتىپ يوشۇرۇن ھالدا چەتەللەرگە ئىۋەرتكەن ئۇيغۇرلارنى ھەرخىل سىياسى تۆھمەتلەر بىلەن قولغا ئېلىپ، ئېغىر قىيىن-قىستاقلارغا دۇچار قىلدى.

چەتەللىكلەرگە يېقىنلاشقان ئۇيغۇرلارنى مەخپى ساقچىلىرىنى ئىشقا سېلىپ نازارەت قىلدى، بىرەر ئىشتىن گۇمان قىلسىلا يوشۇرۇن قولغا ئېلىپ سوراققا تارتىپ كەلدى. ئاخبارات، ئۇچۇر بىلەن ھەپىلەشكەن ئۇيغۇرلارنى بايقىسىلا ئۆلۈم جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى، مۇددەتلىك قاماق جازاسى، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش جازاسى، رەجىم، ئىنتىزام جازاسى، خىزمەتتىن قوغلاندى قىلىش جازاسى، تۆلەش ئىقتىدارىدىن ئېشىپ كەتىدىغان جەرىمانە ۋە بارلىق ۋەھشى ئۇسۇللارنى قوللىنىپ زىيانكەشلىك قىلىپ كەلدى.

Abdugheni Muhemmedimin

ئابدۇغەنى مۇھەممەتىمىنمۇ ئادالەت، ھەققانىيەت يولىدا، ئېنىقىنى ئېيىتقاندا ۋەتىنىمىزنىڭ مۇستەقىللقى يولىدا جېنىنى تىككەن بىر ئۇيغۇر ئوغلانى ئىدى.

ئابدۇغەنى مۇھەممەتىمىن 1964-يىلى 1-ئايدا قەشقەر شەھرىگە قاراشلىق نەزەرباغ يېزىسىدا بىر ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، دادىسىنىڭ خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن بالىلىق دەۋرىدە ئاتۇشقا بېرىپ باشلانغۇچ، تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ تەربىيىسىنى ئېلىپ، 1981-يىلى شىنجىئاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋەرىستەتى خىمىيە فاكولتەتىغا قوبۇل قىلىنىپ 1986-يىلى 7-ئايغىچە ئۈرۈمچىدىكى بۇ ئالىي بىلىم يۇرتىدا تىرىشىپ ئوقۇغان ۋە ئەلا نەتىجە بىلەن ئوقۇشنى تاماملىغان.

ئابدۇغەنى مۇھەممەتىمىن ئۈرۈمچىدە پىداگوگىكا ئۇنىۋەرىستەتىنىڭ 5-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە، يەنى 1985-يىلى 12-دەكابىر كۈنى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ دەكتاتورلۇق، مۇستەبىت دۆلەت سىياسىتى، ئۇيغۇر مىللىتىگە ئېلىپ بېرىۋاتقان مىللىي زۇلۇم، كەمسىتىش، چەتكە قېقىش، بۇلاڭ-تالاڭ، تالان-تاراج، كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش، ئاتوم بومبىسى ئېتىپ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋە ئاسىيانىڭ مۇھىتىنى بۇلغاش، خىتايدىن جىنايەتچىلەرنى ۋەتىنىمىزگە ئېلىپ چىقىپ جىنايى ئىشلارنى ئاۋۇتۇش، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى چەكلەش، سايلام ئەركىنلىگىنى چەكلەش، ئىچكىرىدىن خىتاي تاجاۋۇزچى ئاھالىسىنى ۋەتىنىمىزگە تۈركۈملەپ يۆتكەپ چىقىش، خەلقىمىزنىڭ پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىش قاتارلىق بىر قاتار ناھەق ۋە قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىگە قارىتا قۆزغىغان دەموكراتىك ھەرىكىتىگە قاتناشقان.

شۇ مەزگىللەردە خىتاي ئوقۇغۇچى ناھەق بوزەك قىلىشقا ئۇرۇنغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇپ پىداگوگىكا ئۇنىۋەرىستەتىدىكى مىللەتچى خىتاي ئەمەلدارلار تەرىپىدىن ئۇرۇمچى شەھرى سايباغ رايونلۇق ساقچى ئىدارىسىغا 3 كۈن سولاپ قويۇلغان ۋە ساۋاقداشلىرىنىڭ نارازىلىق بىلدۈرۈپ ئوقۇش توختۇتۇپ نامايىش قىلىشى بىلەن، مەكتەپ مەمۇرىيىتى ئىشنىڭ چوڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇنى سولاقخانىدىن ئازات قىلدۇرغان بولسىمۇ، مىللەتچى خىتاي مەمۇرلىرى ئابدۇغەنى مۇھەممەتىمىننىڭ ئارخىۋىغا "مىللىي بۆلگۈنچىلىك ئىدىيىسى كۈچلۈك، مەكتەپتە جىدەل چىقارغان"-دىگەن تۆھمەتنى يېزىپ ئارخىۋىغا سېلىپ قويغان.

ئابدۇغەنى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن 1986-يىلى خىتاي تاجاۋۇزچى ھۆكۈمىتى 12-دەكابىر كۈنى نامايىش قىلغان 30 مىڭ ئۇيغۇر ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن، ھەممىسىنى مەجبۇرى قان بېرىشكە قىستىغان. ئەگەر قان بەرمىسە دەپلوم بەرمەيدىغانلىقىنى، نوپۇس رەسمىيەتلىرىنى بەجىرىپ بەرمەيدىغانلىقىنى ۋە خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ھەممە ستۇدەنتلارغا تەھدىت سالغان. 1986-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى مەجبۇرى قان بەرگەن. ئۇ ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن قەشقەر ۋىلايىتىگە بېرىپ مائارىپ تارماقلىرىغا ئۆزىنى مەلۇم قىلغان بولسىمۇ، ئۇنى ئۇلۇغچات ناھىيىسىنىڭ بىر يېزىسىغا خىزمەتكە تەقسىم قىلغانلىقىنى ئېيتىپ، ياخشى خىزمەت ئورنىغا يېقىن يولاتماسلىققا ئۇرۇنغان.

ئابدۇغەنى مۇھەممەتىمىن مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن بولۇپ، ئۆز كەسپىدىن باشقا خىتايچىنى ياخشى بىلەتتى، تەرجىمە قىلالايىتتى، ئۇيغۇرچە ھوسنىخەتنىمۇ بەك چىرايلىق يازاتتى. پىداگوگىكا، پىسخىلوگىيە، مەتودىكا، تاررىخ، ئەدەبىيات قاتارلىق كەسپلەرگىمۇ ئالاھىدە ھەۋەس قىلاتتى ۋە ياخشى ئۈگەنگەن ئىدى.

ئابدۇغەنى مۇھەممەتىمىن 1986-يىلى 7-ئايدا ئوقۇش پۈتتۈرگەن بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللەتچىلىك ۋە ئۆچ ئەلىش سىياسىتىنىڭ قۇربانى بولۇپ، 1986-يىلى 11-ئايلاردا ئاران قەشقەر ۋىلايەتلىك پاختا توقۇمىچىلىق فابرىكىسى پەرزەنتلەر مەكتىپىگە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئۇ خىزمەتكە چىققان كۈندىن باشلاپ ئۆز كەسپىگە قېتىقىنىپ كىرىشىپ كەتتى.

خىتايلارنىڭ تۈگىمەس زۇلمى، بۇلاڭچىلىقى، كەمسىتىشى، خورلىشى، قانلىق باستۇرۇشلىرىدەك ناھەقچىلىكلەرگە چىدىمىغان ئابدۇغەنى 2001-يىلىدىن باشلاپ دوستىنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن گەرمانىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان ئىنفورماتىئون مەركىزى بىلەن ئالاقە ئورناتتى ۋە بۇ ناھەقچىلىكلەرنى گەرمانىيەگە يوللاشقا باشلىدى.

ئۇ 2001-يىلى 10-ئايدىن 2002-يىلى 7-ئايغىچە گەرمانىيەگە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مىللىي زۇلۇم، دىنىي، مەدەنىيەت جەھەتتىكى يوقۇتۇش سىياسەتلىرى، كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشلىرىغا ئائىت پاكىت، ماتىرىياللارنى توپلاپ، رەتلەپ چىقىپ شەرقىي تۈركىستان ئىنفورماتىئون مەركىزىگە يوللاپ بەرگەن.

ئابدۇغەنى مۇھھەممەتىمىن 2002-يىلى 7-ئاينىڭ 26-كۈنى قەشقەر ۋىلايەتلىك دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ ئاپشاركىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن بولۇپ، رەسمى قولغا ئەلىنغىچە بولغان ئارىلىقتا يان تەلەفونى مەجبۇرى ئېتىۋەتىلگەن. ئۇ قولغا ئەلىنغاندىن كېيىن، قەشقەر ئۇيغۇر تىبابەت شىپاخانىسىدا ئىشلەيدىغان ئايالىغا خىتاينىڭ مەخپىي ساقچىلىرى تەھدىت سېلىپ "ئابدۇغەنىنى دوستلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلىرى سوراپ قالسا ، دەيسەن، بولمىسا سەنىمۇ تۇتۇپ سولايمىز"-دەپ تەھدىت سالغان ۋە ئۆيىنىڭ تەلەفونىنى ئۈزۈۋەتكەن. خېلى ئۇزۇنغىچە ئابدۇغەنىنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرى، ساۋاقداشلىرى، دوستلىرى ئابدۇغەنىنىڭ ئىز-دەرىكىنى ئالالامىغان. ئابدۇغەنىنىڭ ئۆيىدىكى كومپىيۇتەرىنى ۋىلايەتلىك دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ ساقچىلىرى مۇسادىرە قىلىپ ئېلىپ كەتكەن.

ئابدۇغەنى دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ قاراڭغۇ زىندانىغا تاشلانغاندىن كېيىن، ۋەھشى، رەھىمسىز خىتاي ساقچىلىرى ئابدۇغەنىنىڭ ئايالى، ئانىسى، پەرزەنتلىرى، ئۇرۇغ-تۇققانلىرى، يېقىن دوستلىرىنى ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشكە رۇخسەت بەرمىگەن. پەقەت 2003-يىلى خۇپىيانە سوت ئېچىلگاندا ئائىلىسىدىكىلەر ئابدۇغەنىنى بىر قەتىم كۆرۈش پۇرسىتىگە ئىگە بولالىغان بولۇپ، ئۇندىن كېيىنمۇ ئائىلىسىنىڭ كۆرۈشىشىنى قاتتىق چەكلەپ كەلمەكتە.

ئابدۇغەنى ئۈستىدىن چىقىرىلغان سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارىغا قارىغاندا، ئۇ "ئادۋۇكات تەكلىپ قىلمايمەن، ئۆزەمنى ئۆزەم ئاقلايمەن"-دىگەن. قاراڭلار، "سىياسى جىنايەتچى" لەرنى قامايدىغان ئەڭ ۋەھشى ۋاستىلەر بىلەن قىينايدىغان تۇرمىگە تاشلانغان، ئۆزى مەخسۇس قانۇن كەسپىدە ئوقۇمىغان ئابدۇغەنى قانداقلارچە "ئۆزەم ئادۋۇكات بولىمەن، ئادۋۇكات تەكلىپ قىلمايمەن"-دىسۇن؟؟؟

كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، ئۇنىڭغا ھېچقانداق گەپ قىلىش، ئۆزىنى ئاقلاش پۇرسىتىنى بەرمىگەن، تۈرمە ئىچىدە تەھدىت سالغان ۋە قاتتىق قىينىغان.

خىتاي تاجاۋۇزچى ۋە دەكتاتور ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندا دۆلەت تېررورلۇقى يۈرگۈزۈپ تۇرۇقلۇق، ئۆزلىرىنىڭ جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن، راست گەپ قىلغان، ھەققانىيەت ئۈچۈن كۈرەش قىلغان ئۇيغۇر ئوغلانلىرىنى تۇتقۇن قىلىپ زىيانكەشلىك قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگىمۇ زىيانكەشلىك قىلىپ كەلمەكتە.

شەرقىي تۈركىستان ئىنفورماتسىئون مەركىزى


2004-يىلى 15-سېنتەبىر، جۈمە
قاراخان
بۇ ئۇچۇر478.قېتىم ئوقۇلدى

شەرقىي تۈكىستان جۇمھۇرييىتي سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى©2004-2010

XHTML 1.0 Strict xelqara ölchimige uyghun. CSS xelqara ölchimige uyghun.