ھۆكۈمەت

شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنىڭ
قۇرۇلۇش باياناتى


2004-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى، ۋاشىنگىتون

Hokumet-ilani-sherqiy-turkistan

مەزكۇر بايانات كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىكنى ئىچكى-تاشقى سىياسەتلىرىنىڭ ئاساسى قىلغان ئامەرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ پايتەختى ۋاشىڭتون شەھرىدە، كوممۇنىست خىتاي ئىستىلاسىدىن كېيىن چەتئەللەردە شەرقىي تۇركىستاننىڭ ئازاتلىغى ئۈچۈن ئىزچىل كۈرەش قىلىپ كېلىۋاتقان ئاساسلىق تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەر ۋە ۋەكىللىرىنىڭ ئىشتىراكى بىلەن يېزىلىپ ماقۇللۇقتىن ئۆتكەندىن كېيىن ئېلان قىلىندى. 

بۈگۈن 2004-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى ۋاشىڭتوندا-كاپىتول ھىلل پارلامەنت بىناسىندا قۇرۇلغانغانلىغىنى جاكالايدۇ.

شەرقىي تۈركىستانلىقلار بۈگۈن سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنى قۇردى.

شەرقىي تۇركىستان سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلىشى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بىردىن بىر ئارزۇسى، زاماننىڭ تەقەززاسى ۋە تەبىئەتنىڭ قانۇنىيەتلىرىگە تامامەن ئۇيغۇن ھەركەتدۇر.
ئىنسانلار جەمىيىتى ھامان تەبى قانۇنىيەتلەر ئاساسىدا ياشاپ كەلدى. تەبىئەت ئىنسانلارغا، جۈملىدىن شەرقىي تۇركىستانلىقلارغا ھاياتلىق ھوقۇقى، مەۋجۇتلۇق ھوقۇقى، ئەركىنلىك ھوقۇقى ۋە مال-مۈلكىگە ئىگە بولۇش ھوقۇقىنى ئاتا قىلدى. يەنى ھەرقانداق ئىنسان ئەركىن ھايات كەçئۈرىشكە ھوقۇقلۇق. شۇڭا ھەربىر كىشىنىڭ بىر مىللەتكە ئەزا بولۇش سۈپىتىدە مىللەتنىڭ سىياسى يولىنى تاللاش ھوقۇقىنى ئەمەلگە ئاشۇرىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشى لازىم بولدى. 

ئاللاھ ئىنسانلارغا بەرگەن تەبىئى ھوقۇقلارنى ئىنسانلار ئۆزگەرتەلمەيدۇ. ئۇنى شۇپېتى قوبۇل قىلىشى لازىم.

ئامەرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ "مۇستەقىللىق خىتاپنامىسى" دا: "ھەربىر ئىنسان تۇغۇلىشى بىلەنلا بارابەردۇر. ئۇلار ياراتقۇçئى تەرىپىدىن باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بەرگىلى بولمايدىغان ھوقۇقلارغا، جۈملىدىن ھاياتلىق ھوقۇقى، ئەركىنلىك ھوقۇقى، بەخت قوغلۇشۇش ھوقۇقلىرىغا ئېرىشكەن. بۇ ھوقۇقلارنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئىنسانلار تەرىپىدىن ھۆكۈمەت قۇرۇلغان." دەپ كۆرسىتىلگەن. 

دىمەك ئامەرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ مۇستەقىللىق خىتاپنامىسىدا تەبىئەت ئىنسانلارغا ئاتا قىلغا تەبىئى ھوقۇقلار مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن.

بۈندىن 55 يىل بۇرۇن، 1949 - يىلى 8 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، "مائو زەدوڭنىڭ تەكلىبى بىلەن ئۇرۇش ئايرۇپىلانىغا ئولتۇرۇپ بەجىڭغا كېتىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان رەھبەرلىرىنىڭ ئايرۇپىلان ۋەقەسى بىلەن ئۆلگەنلىگى" ھەققىدىكى خەۋىرى يېتىپ كەلدى. مەزكۇر خەۋەر بەئىجىڭغا يېتىپ كەلگەندە مائو زەدوڭ كوممۇنىست تاجاۋۇزçئى ئارمىيىسىنى ئىبەرتتى ۋە بۇنىڭ بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەملىكە ھاياتى باشلاندى.

ئۆتۈپ كەتكەن بۇ يىللار ئىچىدە قەرىنداشلىرىمىز ئېزىلگۈچى خەلقىمىزگە ياردەم قىلماق ۋە ئۇلارنىڭ دەردىگە دەرمان بولماق ئۈچۈن ۋە بۇ مەزلۇم خەلقنىڭ ئەلەم-ھەسرەت ۋە ئاھۇ-پەريادلىرىنى يېيىپ ئەسىرلەرچە ھۆر ياشىغان خەلقنىڭ ھۆرىيىتى ۋە مۇستەقىللىغى ئۈچۈن ئوتتۇرغا چىقتى. لېكىن كومۇنىست خىتايلار ئۈزلۈكسىز ھالدا يانغان ھەربىر ئۇçقۇننى ئۆچۈرۈپ، چىققان ھەربىر سادانى ئۇجۇقتۇرۇپ، ئېچىلىشقا ئىنتىلگەن ھەربىر ئۈمىد غۇنچىسىنى ئۆلتۈرۈپ كەلدى. بۇ شۇم دەۋرلەر ئىچىدە ئۈمىدۋارلىق بىلەن ياشاپ كەلمەكتە بولغان بۇ مەھكۇم شەرقىي تۈركىستان خەلقى "بىزلەرنىڭ دەردىمىزنى ئاڭلايدىغان بىرەرسى بارمىدۇ؟ چەتئەللەردە شەرقىي تۈركىستاننىڭ بىرەر ئاۋازىمۇ بارمىدۇ؟ بىزلەر ئۈçئۈن سۆزلەيدىغان بىرەر مىللەت ياكى بىلەر رەھبەر ياكى بىرەر دۆلەتمۇ مەۋجۇتمىدۇ؟ " دەپ ئىنتىزارلىق ئىچىدە پەرياد çئەكمەكتە. 

بۇ ئەندىشە ۋە ئىنتىزارلىق ھازىر تۈگىدى. شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۆزلىرىنىڭ ئارزۇ قىلغان ئاۋازىنى تاپتى. بۈگۈن چەتئەلدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلار ھاياتلىق ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۇشبۇ سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنى قۇردى—مۇستەقىل بولۇشنىڭ زۆرۈر سىياسى يولىنى تاللىۋالدى.


شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى
باش مىنىستىر ئەنۋەر يۈسۈپ تۇرانى
2004-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى، ۋاشىنگىتون
ھۆكۈمەت ئەزالىرى
شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇر رەئىس مۇجاھىد ئابدۇللاھ داموللام huseyin-qari-haji-turkistani
ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى باش مىنىستىر ئەنۋەر يۈسۈپ تۇرانى enwer-yusup-turani
تۈركىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىر ئەركىن ئەزىزى erkin-ezizi
ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەنۋەر يۈسۈپ تۇرانى enwer-yusup-turani
ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى دىنى ئىشلار مىنىستىرى بىلال ئىبراھىم تۈركىستانى abdujelil-qaraqash
تۈركىيە ھۆكۈمەت باياناتچىسى ئەركىن ئەزىزى erkin-ezizi
تۈركىيە مۇئاۋىن پارلامېنت رەئىسى زەينۇرە ئىسا zeynure-isa
پارلامېنت ئەزالىرى

شەرقىي تۈكىستان جۇمھۇرييىتي سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى©2004-2015

XHTML 1.0 Strict xelqara ölchimige uyghun. CSS xelqara ölchimige uyghun.