باياناتلار

1-گۇئانتانامو تۈرمىسىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىق مەھبۇسلار ھەققىدىكى بايانات

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنىڭ

گۇئانتانامو تۈرمىسىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىق مەھبۇسلار ھەققىدىكى

باياناتى

 2011- يىلى 4- ئاينىڭ 5- كۈنى، ۋاشىنگتون

بىسمىللاھىرراھمانىرراھىم!

 شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنامىدىن ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى ھۆكۈمىتىگە، شۇنداقلا باسقۇنچى كومۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاسارىتى ئاستىدىكى مەزلۇم شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن دۇنيا جامائاتچىلىگىگە شۇنى نامايەن قىلماقچىمىزكى، دۇنيادىكى نۇرغۇن كىشىلەرگە ئايان بولغاندەك، 2001 يىلى 9- ئاينىڭ 11- كۈنى ئامېرىكادا يۈز بەرگەن "تېررورلىق ۋەقەسى" دىن كېيىن، گەئورگە ۋ. بۇش رەھبەرلىگىدىكى ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ 2001- يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئافغانىستاندا ئېلىپبارغان ئاتالمىش "خەلقئارالىق تېررورچىلىققا قارشىتۇرۇش ئۇرۇشى" نىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا بىرقانچە يۈز كىشىنى "تېررورچىلار" دىگەن گۇمان بىلەن تۇتقۇن قىلىپ ئۆزىنىڭ بۇلار ئۈچۈن مەخسۇز ھازىرلىغان كۇبادىكى گۇئانتانامو ھەربىي تۈرمىسىگە ئەكىلىپ قامىدى.

ئۇشبۇ مەھبۇسلار ئىچىدە كومۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 1949- يىلى زورلۇق بىلەن ئىشغال قىلىنىۋېلىنغان يۇرتىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ مىللىي ئازاتلىغى ئۈچۈن باسقۇنچى خىتاي ھۆكۈمرانلىغىغا قارشى قوراللىق كۈرەش ئېلىپ بەرىشنى مەخسەت قىلغان ھالدا ئافغانىستاننىڭ "تورا بورا" رايونىغا جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان ھەربىي لاگىرىدا تەلىم-تەربىيە كۆرۈۋاتقان بىرقانچە يۈز شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇر مۇجاھىتلىرىمىزدىن 22 نەپىرى ھەم "تېررورچىلار" دىگەن گۇمان بىلەن ئامېرىكا تەرىپىدىن تورغا چۈشۈرۈلىپ مەزكۇر گۇئانتانامو ھەربىي تۈرمىسىگە قامالغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىسىملىگى، تۇغۇلغان تارىخى، تۇغۇلغان يەرى، ۋە بۇلارنىڭ مەزكۇر تۈرمىدىكى كىملىكلىرى—"تۈرمە ئامانلىق نومۇرلىرى" تۆۋەندىكىچە:

 

1. ئابدۇلغاپپار ئابدۇلراھمان (1973- يىلى 3- ئاينىڭ 15- كۈنى كۇچادا تۇغۇلغان، تۈرمە ئامانلىق نومۇرى: 281)

2. ئابدۇلخەلىل مۇھەممەد (1977- يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان، تۈرمە ئامانلىق نومۇرى: 278)

3. ئابدۇلرازاق / راززاق قادىر (1975- يىلى ئاتۇشتا تۇغۇلغان، تۈرمە ئامانلىق نومۇرى: 219)

4. ئادىل ئابدۇلھەكىم (1974- يىلى 10- ئاينىڭ 10- كۈنى غۇلجىدا تۇغۇلغان، تۈرمە ئامانلىق نومۇرى: 293)

5. ئابدۇللاھ ئابدۇلقادىراخۇن (1979- يىلى 6- ئاينىڭ 18- كۈنى، غۇلجىدا تۇغۇلغان، تۈرمە ئامانلىق نومۇرى: 285)

6. ئابابەكرى قاسىم (1969- يىلى 5- ئاينىڭ 13- كۈنى غۇلجىدا تۇغۇلغان، تۈرمە ئامانلىق نومۇرى: 283)

7. ئادىل نۇرى (1979- يىلى 11- ئاينىڭ 12- كۈنى ئاقسۇدا تۇغۇلغان، تۈرمە ئامانلىق نومۇرى: 584)

8. ئەخمەد مۇھەممەد ياقۇپ (1978- يىلى 5- ئاينىڭ 1- كۈنى ئاتۇشتا تۇغۇلغان، تۈرمە ئامانلىق نومۇرى: 328)

9. ئەخمەد تۇرسۇن (1971- يىلى 1- ئاينىڭ 26- كۈنى غۇلجىدا تۇغۇلغان، تۈرمە ئامانلىق نومۇرى: 201)

10. ئەخمەد ئادىل (1973- يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان، تۈرمە ئامانلىقنومۇرى: 260)

11. ئەختەر قاسىم باسىت (1973- يىلى 11-ئى ئاينىڭ 14- كۈنى غۇلجىدا تۇغۇلغان، تۈرمە ئامانلىق نومۇرى: 276)

12. ئەركىن/ئەركىن ماخمۇد (1964- يىلى 7- ئاينىڭ 1- كۈنى غۇلجىدا تۇغۇلغان، تۈرمە ئامانلىق نومۇرى: 103)

13. بەختىيار ماخمۇد (1976- يىلى 1- ئاينىڭ 18- كۈنى غۇلجىدا تۇغۇلغان، تۈرمە ئامانلىق نومۇرى: 277)

14. داۋۇت ئابدۇرەھىم (1974- يىلى بۆرەتالادا تۇغۇلغان، تۈرمە ئامانلىق نومۇرى: 289)

15. ئىمام ئابدۇلئەھەد (1977- يىلى 6- ئاينىڭ 1- كۈنى قەشقەر كوناشەھەردە تۇغۇلغان، تۈرمە ئامانلىق نومۇرى: 295)

16. ھاجى ئەكبەر ئابدۇلغجوپۇر (1973- يىلى غۇلجىدا تۇغۇلغان، تۈرمە ئامانلىق نومۇرى: 282)

17. ھەسەن ئەنۋەر (1974- يىلى 8- ئاينىڭ 25- كۈنى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان، تۈرمە ئامانلىق نومۇرى: 250)

18. خۇزايفە پەرھات (1971- يىلى 2- ئاينىڭ 11- كۈنى غۇلجىدا تۇغۇلغان، تۈرمە ئامانلىق نومۇرى: 320)

19. ئەيۇپ ھاجى مۇھەممەد (1984- يىلى 4- ئاينىڭ 15- كۈنى ئاتۇشتا تۇغۇلغان، تۈرمە ئامانلىق نومۇرى: 279)

20. نەجمىدىن مۇھەممەد (1975- يىلى 5- ئاينىڭ 4- كۈنى غۇلجىدا تۇغۇلغان، تۈرمە ئامانلىق نومۇرى: 102)

21. يۈسۈپ ئابباس (1980- يىلى ئاقسۇدا تۇغۇلغان، تۈرمە ئامانلىق نومۇرى: 275)

مى. سەيدۇللام خالىق، غۇلجىدا تۇغۇلغان (تۇغۇلغان تارىخى ۋە تۈرمە ئامانلىق نومۇرى ھازىرچە بىزگە نامەلۇم)

 

بىز، بۇ تۇتقۇندىكى 22 نەپەر ۋەتەنداشلىرىمىزنىڭ بەشىغا كەلگەن بۇ پاجىھەلىك ۋەقەنىڭ كىلىپ-چىقىش سەۋەپلىرىنىڭ ھەقىقى ماھايىتى ھەققىدە يۇرت تىشىدا ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى نىڭ پايتەختى ۋاشىڭتوننى مەركەز قىلغان ھالدا 1995- يىلدىن ئىتىبارەن رەسمى شەكىلدە يۇرتىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ مىللىي مۇستەقىللىق داۋاسىنى دۇنيا جامائەتچىلىگىگە ئاڭلاتماقنى مەخسەت قىلغان ھالدا پائالىيەت ئېلىپ-بارماقتا بولغان شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازاتلىق مەركىزى، شۇنداقلا 2004- يىلى 9- ئاينىڭ 14- كۈنى ۋاشىڭتوندا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى نامىدىن تا ھازىرغېچە بولغان تەخمىنەن ئون يىللىق مۇددەت ئىچىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە، شۇنداقلا پۈتۈن دۇنيا جامائاتچىلىگىگە مەزكۇر تۇتقۇندىكى ۋەتەنداشلىرىمىزنىڭ پەقەتلا باسقۇنچى كومۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭلا دۈشمىنى بولۇپ، ھەرگىزمۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ۋە ئۇنىڭ خەلقىنىڭ ياكى ھۆر دۇنيانىڭ دۈشمەنلىرىدىن ئەمەس ئىكەنلىگى، بۇلەرنىڭ پەقەت بىر خاتا زامان ۋە خاتا ماكاندا ئافغانىستان ۋە پاكىستان چىگراسى ئەتراپىدىكى بىرقىسىم ئىنسان قىلىپىدىن چىققان يەرلىك دەللاللار تەرىپىدىن كىشى بىشىغا 5،000 (بەشمىڭ) ئامېرىكا دوللارىدىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە سەتىۋېتىلگەن بىگۇناھ شەرقىي تۈركىستان ۋەتەنداشلىرى ئىكەنلىگى، ۋە بۇ سەۋەپتىن بۇلارنىڭ دەرھال ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىلىشنىڭ مۇۋاپىق ئىكەنلىگى ھەققىدىكى تەلەپلىرىمىزنى ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى ھۆكۈمىتىگە، شۇنداقلا پۈتۈن دۇنيا جامائەتچىلىگىگە داۋاملىق يەتكۇزۇپ-كېلىۋاتقان بولساقمۇ، لېكىن، مەزكۇر تەلەپلىرىمىزنىڭ دۇنيادكى بارلىق ئىنسان ھەقلىرىنى قوغداش ئورگانلىرى ۋە ئىنسانپەرۋەر شەخسىلەر تەرىپىدىن دەستەكلەڭەن ھەققانى تەلەپ بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، ھەتتا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنىڭ بۇلار ئۈستىدىن "تېررورچىلىق بىلەن ھېچ ئالاقىسى بولمىغان بىگۇناھ ئىنسانلار"دەپ ھۆكۈم چىقىرىلىشىدىن قەتئىنەزەر، گەرچە مەزكۇر تۇتقۇندىكى ۋەتەنداشلىرىمىزنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ھازىرغە قەدەر ئامېرىكا خارىچ بىرقانچە دۆلەتلەرگە يەرلەشتۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇلارنىڭ يەنە بىر قىسمى ھاياتلىرىنى يەنىلا گۇئانتانامو تۈرمىسىدە زۇلۇم ئىچىدە ئۆتكۈزمەكتە.

 

بىزنىڭ نەزىرىمىزدە، باسقۇنچى كومۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ يۇرتىمىز شەرقىي تۈركىستان دا 60 يىلدىنبىرى يۈرگۈزمەكتە بولغان "دۆلەت تېررورچىلىغىغى" نى يوقۇتۇپ خىتايلار تەرىپىدىن دەپسەندە قىلىنماقتا بولغان ئىنسانى ھوقۇقلىرىنى قوغداشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار غايىنى كۆزلىگەن ھالدا يۇرتلىرىنى تەركىتىشكە مەجبۇر بولغان بۇ تۇتقۇندىكى ۋەتەنپەرۋەر قېرىنداشلىرىمىز "كومۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىدىن" ئىبارەت ھەقىقى تېررورچىلار تەرىپىدىن تارقىتىلغان تەتۈر تەشۋىقاتلارغا ئاساسلانغان ھالدا "تېررورچىلار" بولۇپ قارىلىنىپ ياكى گۇمانقىلىنىپ زىندانغا تاشلانماستىن، بۇلارنىڭ ھەقسىزلىك ۋە زۇلۇمغا قارشى ئېلىپبارماقچى بولغان ئىنسانى غۇرۇرلىرىنى تەقدىرلىگەن ئاساستا خەلقارالىق سەھنىلەردە ئالتۇن مېداللار بىلەن مۇكاپاتلىنىشى لازىم ئىدى. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ھەرقانداق شارايىتتا ئۆزلىرىنىڭ دۆلەت مەنپەئەتلىرى ئۇكۇن قاراپتۇرۇپ ھەقىقەتكە كوز يۇمۇشتا ھېچ يۈزلىرى قىزارمايدىغان ئاتالمىش "دىمگۇراتىك" دۆلەتلەر ۋە ھەتتا مەزكۇر 22 ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرى بىلەن بىر قان ۋە بىر دىننى پايلاشقان مۇسۇلمان-تۈرك دۆلەتلىرى ئارىسىدا توپ قىلىپ تىپىلىپ ئوينالماقتا بولغان تېررورچىلىق بىلەن ھېچ ئالاقىسى بولمىغان بۇ بىگۇناھ ئىنسانلار پەقەت شەرقىي تۈركىستاننىلا ئەمەس پۈتۈن دۇنيانى زوراۋانلىق ۋە ئالدامچىلىق بىلەن يۇتماقچى بولىۋاتقان كومۇنىست خىتاي باسقۇنچىللىرىنىڭ دۆلەت تېررورچىلىغىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن ئوتتۇرغا چىققان ئۇيغۇر-تۈركلەرىنىڭ قەھرىمان ئوغلانلىرىنىڭ ھىجرەتتىكى ۋەكىللىرى ئىدى . بىز مانا بۇ مۇھىم نوقتىنى ئاڭلىتىپ بولالماي زور قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلمەكتىمىز.

 

بۇ قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىشىمىزنىڭ سەۋەپلىرى:

بىرىنچىدىن، بىزنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ نەزىرىدە مەزكۇر تۇتقۇندىكى 22 نەپەر ۋەتەنداشلىرىمىزنىڭ داۋاگەرلىرى بولۇپ ھېساپلانغانلىغىمىز ئۈچۈن.

ئىككىنچىدىن، بۇنداق بىر داۋاغا قۇلاق سالىدىغان بىرەر ئادىل سوت مەھكىمىسنىڭ مەۋجۇت بولمىغانلىغى ئۈچۈن.

ئۈچۈنجىدىن، ھەتتا شۇنداق بىر سوت مەھكىمىسى مەۋجۇت بولغان تەقدىردە ھەم بۇنىنغا بىزدەك ھەقىقى داۋا ساھىپلىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىپ ھەقنى ئوتتۇرغا قويۇش ھوقۇقلىرىمىزنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن چەكلەڭەنلىگى ئۈچۈن.

 

تۆتىنچىدىن، بولۇپمۇ بۇنداق بىر مەھكىمىدىكى داۋانى سۇرغۇچى قازىلارنىڭ نەزىرىدە ھەر زامان بىزنىڭ ھەق داۋايىمىز ئەمەس خىتاينىڭ بۇ شەرقىي تۈركىستانلىق مەھبۇسلار ئۈستىدىن، جۈملىدىن خىتاينىڭ پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈستىدىن قىلماقتا بولغان بۇرمىلانغان ساختە داۋاسىنىڭ ئېغىر بەسىشىدەك ھەقسىزلىكلەرنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغانلىغىدىندۇر.

 

بۇ بىگۇناھ ۋەتەنداشلىرىمىز گۇئاتانامو تۈرمىسىگە قامالغاندىن باشلاپ تا ھازىرغېچە بولغان 10 يىل مۇددەت ئىچىدە چەكىدىن ئاشقان ۋەھشى ئازاپ- ئوقۇبەتلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتا بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئۇنتۇلغۇسىز ۋە ھاقارەتلىگى بۇلارنىڭ 2002- يىلى كومۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن گۇئانتانامو تۈرمىسىگە ئىبەرتىلگەن بىر گوروھ خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىكىنىڭ ھەيئىتى تەرىپىدىن بىرقانچە قېتىم ئۇدا بىرقانكە كېچە-كۈندۈز ۋەھشى قىيىن-قىستاق ۋە تەھدىدلەر ئىچىدە سوراققا تارتىلىشىدۇر. يېقىندىن بېرى قويۇۋېتىلگەن سابىق ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنىڭ بىزگە، شۇنداقلا ھۆر دۇنيادىكى رەسمى مەتبۇئات ۋە خەۋەر ئاگىنىتلىغىغا ئەيتىشېچە، ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى نىڭ رەسمى رۇخسىتى ۋە دەستگى بىلەن شەرقىي تۈركىستانلىق مەھبۇسلارنى قىيىن-قىستاققا ئالغان خىتايلار مەزكۇر 22 نەپەر تۇتقۇننىڭ ھەممىنى بىر-بىرلەپ بىرقانچە كېچە-كۈندۈز ئۇيقۇسىز قالدۇرۇش ۋە تۈرمە تەمپۇراتۇرىسىنى تۆۋەن نوقتىغا توغرىلاپ توڭلۇتۇش، ۋە "ئەگەر بىز دىگەنگە ئىقرار قىلمىساڭلار ئۆزىڭلارنىلا ئەمەس پۈتۈن ئايلە-بالا-چاقاڭ ۋە ئۇرۇق-تۇققانلىرىڭدىن تارتىپ جازالايمىز، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى سىلەرگە ساھىپ چىقمايدىغانلىغىنى ئەيتتى، قايتىشقا رازى بولمىساڭلار ئەمدى تۈگەشكىنىڭلار شۇ"- دىگەنگە ئوخشاش تەھدىدلەرنى قىلغاندىن باشقا يەنە "ئامەرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ئۇلارنىڭ پۇت-قول ۋە باشلىرىنى زورلۇق بىلەن خىتايلارنىڭ رەسىمغا ئېلىشى ئۈچۈن تۇتۇپبىرىشى ۋە قارشىلىق كۆرسەتكەنلەرنىڭ ئىڭەك ۋە ساقاللىرىدىن تۇتۇپ تولغاپ ھاقارەت قىلىشى قاتارلىق" ئىنسانىيەتسىزلىك قىلمىشلاردىن ئىبارەتتۇر.

 

2004- يىلىنىڭ باشلىرىدىلا—يەنى بۇلار گۇئانتانامودا قامىلىپ ئارىدىن ئۈچ يىل ئۆتكەندىن كېيىن، پېنتاگون (ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىگى) مەزكۇر مۇجاھىدلارنىڭ ئامېرىكىنىڭ دۈشمەنلىرىدىن ئەمەس ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلاپ چىقتى، ۋە بۇلارغا شۇندىن ئىتىبارەن "نون-ئەنەمي كومباتانتس" (دۈشمەن جەڭچىللىرى ئەمەس) دەپ قارايدىغانلىغىنى ۋە بۇ مۇجاھىدلەرنىڭ ئامانلىغىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن بۇلارنى خىتايغا قايتۇرماستىن ئۈچىنجى بىر دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى قارار قىلدى ۋە بۇ قارارغا ئاساسەن مەزكۇر 22 نەپەر ئۇيغۇر مۇجاھىدلىرىمىزنىڭ ھېچبىرىنى تا ھازىرغا قەدەر خىتاي فاشىتلىرىغا قايتۇرۇپ بەرمەستىن بۇلارنىڭ ئىچىدىن ئابابەكرى قاسىم، ئەختەر قاسىم باسىت، ئەخمەد ئادىل، ئادىل ئابدۇلىم ۋە مۇھەممەد ئايۇپ قاتارلىق بەش نەپىرىنى 2006- يىلى 6-ئايدا ئالبانىيەگە، سالاھىدىن ئابدۇلاھات، ئابدۇللا ئابدۇلقادىر، خالىل مامۇت، ۋە ئابلىكىم تۇراھۇن قاتارلىق تۆتىنى ئۆتكەن يىلى (2010- يىلى 6- ئايدا) بەرمۇدا ئارىلىغا، ۋە ئەخمەد تۇرسۇن، ئابدۇلغاپپار ئابدۇلراھمان، داۋۇت ئابدۇراھىم، ئەنۋەر ھەسەن، ئەدھەم مۇھەممەد ۋە ئادىل نۇرى قاتارلىق ئالتىسىنى يەنە ئۆتكەن يىلىنىڭ 11- ئايىدا پائۇلۇ ئارىلىغا ئورۇنلاشتۇردى. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەركىن مامۇت ۋە باھتىيار مامۇتتىن ئىبارەت ئىككى نەپەر ئاكا-ئۇكا قېرىنداشقا شىۋىتسارىيە ھۆكۈمىتى پانالىق بەردى. قالغان ئابدۇلراززاق، يۈسۈپ ئابباس، ھاجى ئەكبەر ئابدۇلغوپۇر، سەيدۇللاھ خالىق، ئەخمەد مۇھەممەد قاتارلىق بەش نەپىرى تەخىچە گۇئانتانامو تۈرمىسىدە زۇلۇم ئىچىدە ئازادلىقنى كۈتمەكتە.

 

بۇيەردە بىز شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتمەكچىمىزكى، ئەگەر بۇ مۇجاھىدلىرىمىز ئامېرىكىنىڭ قولىغا چۈشمەستىن دۇنيادىكى باشقا ھەرقانداق دۆلەتنىڭ قولىغا، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى خىتايغا بەيئەت قىلغان كومۇنىست تۈرك دۆلەتلرىنىڭ قولىغا ياكى خىتاينىڭ ئەڭ يېقىن گۇماشتىسى بولغان پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالىدىغان بولسا بۇلارنى ئاللا قاچان خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن بولار ئىدى.

 

شۇنىڭ ئۈچۈن بىز بۇ خۇسۇستا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى سۈرگۈندە ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە، بولۇپمۇ بۇلارنى خىتايغا قايتىرماسلىقنىڭ تەشەببۇسكارلىرىدىن بولغان خەلقارا سىياسى مەھبۇسلار كەچۈرۈم تەشكىلاتى(ئامنىستي ئىنتەرناتىئونال) ۋە ئىنسان ھەقلىرىنى قوغداش تەشكىلاتى (ھۇمان رىغتس ۋاتچ) قاتارلىق خەلقارالىق ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىغا، سابىن ۋىللەت باشچىلىغىدىكى ئادۋۇكاتلارغا، ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى دىستركت كوئۇرت سوتچىسى رىچاردو ئۇربىنا قاتارلىق سوتچىلارغا، دانا روھراباچەر ۋە ۋىللىئان دەلاخۇنت قاتارلىق ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرىغا، ۋە باشقا ھەر ساھىدىكى ئىنسانپەرۋەر شەخسلەرگە ئالاھىدە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز.

 

شۇنداقلا، مۇشۇنداق ئىنسانپەرۋەر شەخسلەر ۋە تەشكىلاتلارنىڭ تۈرتكىسى نەتىجىسىدە "ھەممە بالانى تەرىغان ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ياكى باشقا دۆلەتلەر قورقۇپ ئالمىسا، ھەتتا ئۆزلىرىنىڭ قېرىنداشلىرى بولغان مۇسۇلمان-تۈرك دۆلەتلىرى ساھىپ چىققان ھالدا پانالىق بېرىپ ئالمىسا بىز نىمە دەپ ئالىمىز؟"-دىمەستىن ھازىرچە يۇقۇردا ئىزھار قىلىنغان 17 نەپەر شەرقىي تۈركىستانلىق مەھبۇسقا سىياسىي پانالىق بەرگەن ئالبانىيە ھۆكۈمىتىگە، بەرمۇدا ھۆكۈمىتىگە، پائۇلۇ ھۆكۈمىتىگە ۋە شىۋىتسارىيە ھۆكۈمىتىگە جۈملىدىن تۇتقۇندىكى ياكى سۈرگۈندىكى ھەرقانداق شەرقىي تۈركىستانلىقنى قارشى ئالىدىغان بارلىق دۆلەتلەرگە ۋە ئۇلارنىڭ خەلقىگە چىن يۈرەكتىن مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز.

 

لېكىن، يۇقۇردا ئىزھار قىلىنغان بۇندىن 10 يىل بۇرۇن "تېررورچىلار" دىگەن گۇمان بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان ۋە بۇندىن ئالتە يىل بۇرۇن "تېررورچىلىق بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى بولمىغان بىگۇناھ ئىنسانلار" دەپ ئۈستىدىن ئاللابۇرۇن ھۆكۈم چىقىرىلىپ بولغان بۇ ۋەتەنداشلىرىمىزنىڭ 5 نەپىرىنىڭ تا بۈگۈنگە قەدەر ھەرخىل ئەقىلگە سىغمايدىغان باھانا-سەۋەپلەرنى كۆرسۈتۈپ گۇئانتانامو تۈرمىسىدە مۇددەتسىز قاماقتا تۇتۇپ-تۇرۇلماقتا بولغان ئادالەتسىزلىككە قارتا، قويۇپ بېرىلگەن ياكى قويۇپ بېرىلمەكچى بولغان تەقدىردە ھەم بۇلارنى خاتا تۇتۇپ ئەپكەلگەن دۆلەت ئامېرىكا ئۆزى بولغاندىن كېيىن ئۆزنىڭ دۆلىتى ئامېرىكاغە قويۇۋەتمەستىن خىتايدىن باشقا ئۈچىنجى بىر دۆلەتنىڭ قوبۇل قىلىشىنى كۈتۈپ ئولتۇرۇپ تۇتقۇندىكى شەرقىي تۈركىستانلىق ۋەتەنداشلىرىمىزنىڭ زىنداندىن ئازاد قىلىنىش ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈشتەك ئىنسانپەرۋەرلىككە زىت بولغان زالىم قىلمىشلارغا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى نامىدىن ئۆزىمىزنىڭ چوڭقۇر نارازىلىقىمىزنى نامايەن قىلىش بىلەن بىللە، ئامەرىكا ھۆكۈمىتىدىن تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاپ بېرىشىنى سورايمىز:

"شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇر مەھبۇسلارنى باشتا بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىپ قامىغان ئۆزۈڭلار تۇرۇپ ۋە كېيىنچە يەنە بۇلارنىڭ تېررورچى ياكى جەمىيەت ئامانلىقىغا ھەۋپ كەلتۈرىدىغان كىشىلەردىن ئەمەس ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلاپ تونۇپ يەتكەن يەنە ئۆزۈڭلار تۇرۇغلۇق، بۇ بىگۇناھ مەھبۇسلارنى سىلەر قورقۇپ ئالمىساڭلار باشقىلار قانداق ئالىدۇ؟ سىلەر "دېموكراتىيە، ئەركىنلىك ۋە ئىنسان ھەقلىرى" ئۈچۈن ھېچ نەرسىنى ئايىمايدىغان ئىنسانپەرۋەرلىكتە دۇنياغا ئۈلگە بولىدىغان ئادىل ئامېرىكا ھۆكۈمىتى" ئىدىڭلارغۇ؟!

 

پىرىزدېنت ئوباما 2009- يىلى 1- ئايدا ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ پىرىزدېنتلىق ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپلا گۇئانتانوما تۈرمىسىنى بىر يىل ئىچىدە تاقاپ مەزكۇر قاماقخانىدا قالغان 240 مەھبۇسلارنىڭ ھەممىسىنىڭ مۇۋاپىق جايلارغا ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى ۋە بۇلارنىڭ ئىچىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنىڭ ھېچ بولمىغاندا بىر قىسمىنىڭ ئامېرىكىغا ئورۇنلاشتۇرىلىدىغانلىقى ھەققىدە بىشارەت بېرىپ دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان ئادالەتپەرۋەر ئىنسانلارنىڭ، بولۇپمۇ ئاق تەنلىكلەر تەرىپىدىن ئۇ ئۆزى تەۋە بولغان ئىرقىغا قارشى قىلىنغان ھەر تۈرلۈك تارىخى ھاقارەت ۋە توسالغۇلارنى بۆسۈپ ئۆتۈپ ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى نىڭ پىرىزدېنتلىكىگە سايلىنىشىنى ئۈمىد قىلغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ تەقدىرلىشىگە سازاۋەر بولغان ئىدى.

 

ئەپسۇسكى، شەرقىي تۈركىستان خەلقى پىرىزدېنت ئوبامانىڭ 2009- يىلى 7- ئاينىڭ 5- كۈنى يۇرتىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ پايتەختى ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن خىتاي زوراۋانلىغىغا قارشى تىنىچلىق بىلەن ئېلىپبېرىلغان نامايىشنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قانلىق باستۇرۇلىشى ھەققىدە ياكى ۋاشىنگتوندا ياكى ئۆزىنىڭ 2009- يىلى 11- ئايدا بېئىجىڭغا قىلغان زىيارەت جەريانىدا ھېچ نەرسە دىمىگەنلىگىگە قاراپ ئۇنىڭ ھەم بىر چاقلىق كىشى ئىكەنلىگىنى تونۇپ يەتتى. شۇنداقتىمۇ، بىزنىڭ نەزىرىمىزدە پىرىزدېنت ئوباما يەنىلا ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئىچىدىكى بىر قىسىم ھۆكۈمەت ئەرباپلىرىدىن ياخشىراق. چۈنكى ئۇ ئۈرۈمچى ۋەقەسى ھەققىدە ئېغىز ئاچمىغىنى بىلەن ئامېرىكىنىڭ باشقا ھۆكۈمەت مەنسۇپلىرىدەك شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازاتلىق ئىنقىلابىنىڭ سىمۋولى بولغان مەزكۇر ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنى تېررورچىلىق بىلەن ئەيىپلىگىنى يوق.

 

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى پارلامېنتى ئىچىدىكى نەۋت گىڭىرىچ قاتارلىق بىر قىسىم ھەقنى كۆرەلمەيدىغان ھۆكۈمەت ئەرباپلىرى ۋە خەلقى خۇددى كومۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئوخشاشلا تۇتقۇندىكى بىگۇناھ ۋەتەنداشلىرىمىزنى پۈتۈن دۇنيا جامائەتچىلىگى ئالدىدا ئوچۇق-ئاشكارا تېررورچىلىق، بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنى رادىكاللىق بىلەن ئەيىپلەپ ئۇلارنىڭ ئامېرىكىغا ياكى ھەتتا باشقا دۆلەتلەرگە قويۇپ بېرىلىشىگە توسقۇنلۇق قىلماقتا.

داۋامىنى ئوقۇش ئۈچۈن بۇ يەرنى بېسىڭ:


2011-يىلى 5-ماي، پەيشەنبە
ئەنۋەر يۈسۈپ تۇرانى
بۇ ئۇچۇر651.قېتىم ئوقۇلدى

شەرقىي تۈكىستان جۇمھۇرييىتي سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى©2004-2010

XHTML 1.0 Strict xelqara ölchimige uyghun. CSS xelqara ölchimige uyghun.