ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىق يۇرتداشلار:
شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى 1933-يىلى ۋە 1944-يىلى قۇرۇلغاندىن كېيىن رۇس تاجاۋۇزچىلىرى غەربىي تۈركىستاندىكى مۇستەملىكە تۇپراقلاردىن ئايرىلىپ قالماسلىق ۋە تۈركىستان خەلقىنىڭ تاجاۋۇزچىلارغا قارشى ئومۇمىيۈزلۈك ئىسيانلىرىدىن قورقۇپ پۈتۈن كۈچى بىلەن خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا دەستەكچى بولۇپ ھەرخىل سۈيىقەست ۋە بىرلەشمە تېررورلۇق ۋاستىلىرى بىلەن بىزگە دۈشمەنلىك قىلىپ كەلدى. تاجاۋۇزچىلار ھامان تۈركىستان خەلقى ئىچىدىن ئىمانى سۇس، ئىرادىسى ئاجىز، ماتىرىيالىزىمچى، پاسىق، نەپسى-ئەۋارىسى ھەتتا دىنسىز قورچاقلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىپ ئۆزلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كەلدى ۋە ئۇلارنىڭ قولى بىلەن خەلقىمىزنىڭ قېنىنى ئىچىپ كەلدى. تاجاۋۇزچىلار بىلەن ھەمكارلىشىدىغان پاسىق ۋە ئاسى كىشىلەر ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندىكى زوراۋانلىق، تالان-تاراج ۋە قىرغىنچىلىقلارنى ئانچە قىينالمايلا يۈرگۈزۈشتى.
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ھەر قايسى دەۋرلەردە ئۆزلىرى ئۈچۈن ئىشلەيدىغان قورچاق كادىرلارنى تەربىيىلەپ چىقىپ ۋەتىنىمىزنىڭ ئىچىدە ۋە چەتەللەردە خىزمەتكە سېلىپ خەلقارادىكى ئادالەتپەرۋەر كۈچلەرنىڭ ۋە خىتاي بىلەن دۈشمەن بولغان دۆلەت ۋە مىللەتلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەزلۇم خەلقىگە بولغان ھەسداشلىقلىرى ۋە قىلغۇسى ياردەملىرىگە توسقۇنلۇق قىلىش، ساختا "ۋەكىل" شەكىللەندۈرۈپ چەتەللىكلەر بەرىدىغان ياردەملەرنىڭ خەلقىمىزگە ياكى خەلقىمىزنىڭ ھەقىقى ۋەكىللىرىگە ئەمەس، بەلكى ئاشۇ ساختە ۋەكىللەرگە بېرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن دۈشمەن دائىم پاي-پېتەك بولۇپ ھەرىكەت قىلىپ كەلمەكتە. تۈركىستان- تۈركىستانلىقلارنىڭ ئەزەلىي ۋە ئەبەدىي ئانا ۋەتىنى. قەتئى كېسىپ ئېيتىمىزكى، بۇ تۇپراقلارنىڭ بۈيۈك بىر پارچىسى بولغان شەرقىي تۈركىستان قانداقتۇر "خىتاينىڭ بىر پارچىسى"- ئەمەس!
1949-يىلنىڭ ئاخىرىدىن تا 2004-يىلغىچە شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۆز ھۆكۈمىتىدىن ئايرىلىپ قېلىپ ۋەتەن ئىچىدە تاجاۋۇزچى كاپىر خىتاينىڭ باتىل ۋە زالىم ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا زۇلۇم چەككەن بولسا، چەتەللەردە بولسا سەرسان بولۇپ سۈرگۈندە بولسىمۇ ھۆكۈمەت قۇرالماي خانىۋەيران ھالەتتە يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى. مەيلى سەئۇدى ئەرەبىستاندا بولسۇن، مەيلى غەربىي تۈركىستاندىكى دۆلەتلەردە بولسۇن، مەيلى تۈركىيەدە بولسۇن، مەيلى ھىندىستاندا بولسۇن شەرقىي تۈركىستان مۇھاجىرلىرى ياكى كۆچمەنلىرى سۈرگۈندە ھۆكۈمەت قۇرالمىدى ياكى ئاشۇ دۆلەتلەر خىتايدىن قورقۇپ ياكى خىتايغا ياخشى كۆرۈنۈش ئۈچۈن سۈرگۈندە ھۆكۈمەت قۇرۇشقا رۇخسەت بەرمىدى. ئاللاھنىڭ تەقدىر قىلىشى بىلەن 2004-يىلى 9-ئايدا خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى سانالغان ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى شەرقىي تۈركىستانلىق ئەنۋەر يۈسۈپ تۇرانى باشچىلىقىدىكى شەرقىي تۈركىستان مۇھاجىرلىرى ۋە كۆچمەنلىرىنىڭ سۈرگۈندە ھۆكۈمەت قۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىپ تاجاۋۇزچى، قاتىل، زوراۋان، تېررورچىلار گوروھى بولغان پەسكەش خىتاي ھاكىمىيىتىنى ئالاقزادە قىلىۋەتتى.
سۈرگۈندە ھۆكۈمەت قۇرۇش ھارپىسىدا ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى مۇھاجىر ۋە كۆچمەنلەرگە، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىغا ھۆكۈمەتكە قاتنىشىش توغرىسىدا تەكلىپنامە ئەۋەتىلدى. ئۆمرىدە دۆلەت قۇرۇشنى تەسەۋۋۇر قىلىپ باقمىغان ۋە ھەرخىل دۆلەتلەرنىڭ قانۇن-تۈزۈملىرى ئاستىدا چەكلىك پائالىيەتلەر بىلەن ئاممىۋى پائالىيەت قىلىپ كەلگەن كۆچمەنلەر بۇ ئىشنى ئاڭقىرالمىدى ۋە ھودۇقۇپ كەتتى. شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئەمەس، خىتاي ھۆكۈمرانلىقىنى شەرت قىلغان دېموكراتىيە يولىغا مېڭىشىنى، غەرپ دۆلەتلىرى تەرغىپ قىلىۋاتقان ئاز-تولا ئىنسان ھەقلىرىنى خىتايلاردىن تاما قىلىپ ئازراق ماددى ۋە مەنىۋى ياردەمگە ئېرىشكەن تەشكىلاتلار ۋە ئۇلارنىڭ رەھبەرلىرى پۈتۈن كۈچى بىلەن سۈرگۈندە ھۆكۈمەت قۇرۇلىشىغا قارشى تۇرۇشتى. بۇ تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ۋاشىنگتوندا ھۆكۈمەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ھۆكۈمەت ئەزا نامزاتلىرىنىڭ سالاھىيەت ۋە ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈش ئىمكانىيىتى بولمىدى. نەتىجىدە ھۆكۈمەت ئىچىگە بىر قىسىم ئىقتىدارسىز، ئىنساپسىز، شەخسىيەتچى كىشىلەر كىرىپ قالدى.
قىسقىغىنا بىر نەچچە ئاي ئىچىدە ئۇنداق كىشىلەرنىڭ ئەپتى-بەشىرىسى، قارا نىيەتلىرى ۋە شەخسىي مەنپەئەتلىرى ھەمدە قۇرۇق شۆرەتلىرى ئۈچۈن ۋەتەننى، مىللەتنى ۋە ۋىجدانىنى ئاسانلار ساتالايدىغان ئىككى يۈزلىمىچىلىك ماھىيىتى ئاشكارىلاندى. بۇ جىددى مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن 2005-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى باش مىنىستىر ئەنۋەر يۈسۈپ تۇرانى پېشقەدەم ماتىرىيالىزىمچى ئەخمەت ئىگەمبەردى، سۇلتان ماخمۇت كاشگارلى ۋە خىزىربەك گايرەتۇللاھ قاتارلىق بۇزغۇنچىلارنى ھۆكۈمەتتىن قوغلاندى قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ پېشقەدەم كادىرلار ئۇزۇن يىللاردىن بېرى چەتەللەردە ئاممىۋى پائالىيەتلەر ۋە خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرىنى دەپسەندە قىلىش قىلمىشلىرىنى پاش قىلىپ كۈن ئۆتكۈزۈش بىلەن مەشغۇل بولغان بولۇپ، ھۆكۈمەتتىن ئىبارەت دۈشمەن بىلەن كەسكىن كۈرەش قىلىشنى نىزامنامە قىلغان ئورگاندىن قوغلاندى قىلىنىش بىلەن نىمە قىلىشىنى بىلەلمەي ئالجىشقا باشلىدى. ئاۋال بۇ كادىرلار مەسئۇلىيەتسىز تور بېكەتلىرىنىڭ ھەقسىز مۇنازىرە مەيدانلىرىغا قالايمىقان يازمىلارنى يېزىپ چاپلاپ باقتى. ئاندىن قولىدىن كېلىدىغان بارلىق ۋاستىلار بىلەرن ھۆكۈمەت قۇرغان ئەنۋەر يۈسۈپ تۇرانىغا زەھەرخەندىلىك قىلشنى داۋاملاشتۇرۇپ ئائىلە ئەزالىرى ۋە ئىجتىما مۇناسىۋەت چەمبىرىدىكى ئىمتىيازلىرىدىن پايدىلىنىپ چەتەلىكلەرنى قايمۇقتۇرۇپ ئۆزلىرىنى خۇددى راستىنلا سۈرگۈن ھۆكۈمەتنىڭ رەھبەرلىرىدەك قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن پاي-پېتەك بولۇشۇپ كەلدى.
چەتەلىكلەردىكى ئاق كۆڭۈل كىشىلەردىن ۋە بەزى نادان كۆچمەنلەردىن ئۇلارنىڭ كۆزىنى بوياپ پۇل ئېلىپ ئۇ يەر بۇ يەردىكى يىغىنلارغا ئايرۇپىلان بىلەن بېرىپ، مېھمانخانىلاردا يېتىپ، يەپ-ئىچىپ ساياھەت قىلىپ خىتاي تەرىپىدىن كوللېكتىپ قەتلە قىلىنىپ مۇسىبەتكە چۆمدۈرۈلگەن خەلقىمىزنىڭ، يېتىم-يېسىرلەرنىڭ، تۇل ئانىلارنىڭ ھەققىنى ھاياسىزلارچە يەپ كەلدى. ئۇلار 20 كىلوگراملىق بىر قورالنى كۆتۈرۈپ ئىككى كىلومېتىر يەرگە بارغۇدەك ماغدۇرغا ياكى دۆلەت تىلىدا ئىككى تاغار سامانغا ھۆججەت يازغۇدەك سەۋىيە ئىگە ئەمەس تۇرۇپ، شېرىيەتتە ۋە شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىنىڭ قانۇنىدا مىللەتنىڭ مال-مۈلكىگە خىيانەت قىلىشنىڭ، كىشىلەرنىڭ ھەققىنى يىيىشنىڭ، باشقىلارغا تۆھمەت قىلىشنىڭ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى ئىگەللىۋېلىشنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتكۈدەك ئىلىم، ۋەتەننى تاجاۋۇزچى كاپىردىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئاللاھ بەرگەن پۇل ۋە مال-مۈلكنى،كۈچ-قۇۋۋەتنى، بارلىق ئىمكانلارنى ۋە ئەزىز جاننى بېرىشنىڭ پەرز ئىبادەت ئىكەنلىگىنى بىلەلىگىدەك ئىمانغا ئىگە بولماي تۇرۇپ "رەئىس"،"باش مىنىستىر"، "مىنىستىر"-دىگەندەك ئەمەللەرگە كانىدەك چاپلىشىۋېلىپ، ھاياسىزلارچە مىللەت ۋە دۆلەت نامىنى سېتىپ سىياسىي تىلەمچىلەرگە ئايلىنىپ ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا قىتئە ئاتلاپ، دۆلەت ئاتلاپ ساياھەت قىلىپ خەلقىمىز ۋە دۆلىتىمىزنىڭ ھەققىنى يىدى. چەتەللىكلەرنىڭ ئالدىدا مىللىتىمىزنىڭ يۈزىنى تۆكتى. سەۋزىدىن خەۋىرى يوق پولو دەم يەپتۇ،-دەپ ئازاد قىلىنىشى ئۈچۈن 10 مىڭلىغان شەھىد تەلەپ قىلىنىدىغان شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىگە "رەئىس" بولۇش، "باش مىنىستىر" بولۇش ۋە بۇ ئەمەللەرنى ئۆزى ئۆلگىچە مەھكەم تۇتۇش، ئاندىن ئوغلىغا، قىزىغا، كېلىنىگە، نەۋرىسىگە مىراس قالدۇرۇش، خىتايغا قارشى كەسكىن كۈرەش بولغان يەرلەرگە قەتئى بارماسلىق، بارغانلارنى ھۆكۈمەتكە يېقىن يولاتماسلىق،....قاراڭ بۇ "پېشقەدەم" شەيتانلارغا!
ۋەتىنىمىزنى بېسىۋالغان تاجاۋۇزچى دۈشمەنگە قارشى جان تىكىپ كۈرەش قىلگان مۇجاھىدلارغا، ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا ماددىي ۋە مەنىۋى ياردەم بېرىش ئۇ ياقتا تۇرسۇن،مۇجاھىدلارنى يامان كۆرۈش، خىتايغا قارشى ئىدىيەگە ئىگە ياخشى كىشىلەرگە تۆھمەت چاپلاش، زىيانكەشلىك قىلىش، پىتنە-پاسات تارقىتىپ ياخشى كىشىلەرنىڭ ئىززەت-ئابرويىغا زىيان يەتكۈزۈشتەك پەسكەشلىكلەرنى قىلدى. بىز پۈتكۈل شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ۋە دۇنياغا يەنە بىر قېتىم جاكالايمىزكى، سۈرگۈن ھۆكۈمىتىمىزگە باشتا سالايىھەت، ئىقىتىدار ۋە ۋىجدان تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈلمەي كىرىپ قالغان يۇقۇرىدا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان قۇرۇق شۆرەت ئۈچۈن ياشاۋاتقان، ھېچقانداق بەدەل تۆلىمەيدىغان ۋە ئىقتىدارسىز، ئىنساپسىز پېشقەدەم يۇرتداشلاردىن ئەخمەت ئىگەمبەردى، سۇلتان ماخمۇت كاشگارلى، خىزىربەك گايرەتۇللاھ، دەمىيان راخمەت ۋە ئىسمائىل جەنگىز قاتارلىق ئەزالارنىڭ 2005-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى سۈرگۈن ھۆكۈمەتتىكى بارلىق ۋەزىپىلىرىدىن ئېلىپ تاشلىنىپ، رەسمى ھالدا قوغلاندى قىلىنغانللىقىنى دۇنيا جامائىتىگە ئەسلىتىپ ئۆتىمىز. يۇقۇرىدىكى پېشقەدەم كادىرلارنىڭ ھەرقانداق يەردە مۇخبىرلارغا ياكى چەتللىكلەرگە بەرگەن ساختا باياناتلىرى، ھۆكۈمىتىمىز نامىدىن سۇنىدىغان ئىلتىماسلىرى ئىناۋەتسىز ۋە قانۇنسىز.
شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندىن تاجاۋۇزچى، كاپىر خىتايلارنى تەلتۆكۈس قوغلاپ چىقىرىپ، ئاللاھنىڭ ئىرادىسىگە ۋە مۇسۇلمان خەلقىمىزنىڭ ئىرادىسىگە ماس كېلىدىغان مۇستەقىل دۆلىتىمىزنى قايتا قۇرۇپ چىقىپ زۇلۇم ئاستىدىكى خەلقىمىزنى ئازاد قىلىش، ھەققانىي جەمىيەت بەرپا قىلىشنى تۈپ مەقسەت قىلغان بولۇپ، بۇ مەقسەتنى ھەرقانداق شەكىلدە بۇرمىلاشقا يول قويۇلمايدۇ. سۈرگۈندىكى ھۆكۈمەت باشقىلارغا مەست بولۇپ قالغاندا ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغان زاكۇسكا ياكى ھەدىيە ئەمەس. چەتەللەردىكى دېموكراتىيىنى بويلاپ پائالىيەت قىلىۋاتقان ئاممىۋى تەشكىلاتلار مەيلى قانداق ئىسىم قويۇۋالغان بولۇشىدىن قەتئىنەزەر ھۆكۈمەتنى ئۇلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش دەيدىغان بىر مەنتىقە يوق! شەرقىي تۈركىستان تۇپراقلىرىدىن تاجاۋۇزچى خىتايلارنى تەلتۆكۈس قوغلاپ چىقىرىش ۋە مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىنى قۇرۇپ چىقىش-بىزنىڭ تۈپ مەقسىدىمىزدۇر. مەيلى كومۇنىست خىتاي بولسۇن، مەيلى دېموكراتچى خىتايلار بولسۇن ھەتتا "پەرىشتە خىتايلار" بولسۇن، دۆلىتىمىزدە ھەرقانداق شەكىلدىكى باتىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزىشىگە قەتئى يول قويمايمىز.خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ۋەتىنىمىزنى داۋاملىق مۇستەملىكە قىلىپ تۇرىۋېرىشى ئۈچۈن ھەر خىل باھانە-سەۋەپلەر ئارقىلىق خىزمەت قىلىۋاتقان ئاچكۆز،غالچا، ئىمانسىز يۇرتداشلارغا قارشى كۈرەش قىلىمىز. مۇستەقىللىق ئۈچۈن پايدىلىق بولغان ھەرقانداق كۈچلەر بىلەن ئىتتىپاق تۈزىمىز. شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىنىڭ مۇستەقىللىقىدىن، دىنىنىڭ ئىسلام بولۇشىدىن ۋاز كەچتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان ھەرقانداق "ياردەم"نى قەتئى قوبۇل قىلمايمىز!
شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئېتىقاد قىلىدىغان ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلمايدىغان، خەلقىمىزنىڭ دىن،مەدەنىيەت، تىل-يېزىق، ئەخلاق ئۆلچەملىرىنى بىلمەيدىغان ھەرقانداق كىشىنى رەئىس، باش مىنىستىر، مىنىستىر ياكى باشقا ۋەزىپىلەرگە تەيىن قىلمايدۇ. سان توشقۇزۇش ئۈچۈن ھۆكۈمىتىمىزگە ئىقتىدارسىز، ۋىجدانسىز،ئىنساپسىز كىشىلەر ۋە خىتايپەرەس كىشىلەر قوبۇل قىلىنمايدۇ. ھۆكۈمىتىمىز "پېشقەدەم كادىرلار ساناتورىيىسى" ئەمەس! بەلكى مېلىنى، جېنىنى ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن، ۋەتىنىمىز ۋە خەلقىمىزنى زالىم خىتايلاردىن ئازاد قىلىش يولىدا تەقدىم قىلالايدىغان، يۈكسەك دەرىجىدىكى مەسۇلىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە، ۋىجدانلىق، ئىمانلىق، ئىقتىدارلىق مۇجاھىدلار ۋە مۇھاجىر ئوغۇل-قىزلاردىن تەركىپ تاپقان جەڭگىۋار ئورگان. چەتەللەردىكى ۋەتىنىمىزنىڭ خىتايلاردىن ئازاد بولۇشىنى ئارزۇ قىلغان ۋە مۇستەقىللىق كۈرىشىگە بىر كىشىلىك ھەسسە قوشۇپ ئاللاھ ئالدىدىكى بۇرچىنى ئادا قىلىشنى خالايدىغان يۇرتداشلارنىڭ يېنىمىزدىن ئورۇن ئېلىشىغا تىلەكداشمىز. ھۆكۈمىتىمىز خىتايلارنى ياخشى كۆرىدىغان ۋە ئۇلاردىن شەپقەت تىلەيدىغانلاردىن باشقا ھەرقانداق گىراجداننى ھۆكۈمەت ئىچىدە ۋەزىپە ئېلىپ خىزمەت قىلىشىنى قارشى ئالىدۇ. مۇلازىمەتچى، مەسلىھەتچى، ياردەمچى ياكى كەسپىي خىزمەتچى لازىم بولغان ئەھۋال ئاستىدا ھۆكۈمەت ئىشخانىسى مۇۋاپىق ھالدا ئىش ھەققى بېرىپ خادىملارنى ياللىۋالىدۇ ياكى تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىدۇ. بۇ خىل خادىملار چەتئەللىك بولسىمۇ بولىۋېرىدۇ.
ھاكىمىيەت-شەرتسىز ئاللاھنىڭدۇر.ھۆكۈمىتىمىز بۇ ئامانەتنى ئاللاھنى تونۇمايدىغان ۋە ئاللاھتىن قورقمايدىغان كىشىلەرگە تاپشۇرۇشنى جىنايەت ھېساپلايدۇ. شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندىكى ھۆكۈمەت ئورگىنى ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىدا بولۇپ، باشقا دۆلەت ۋە رايونلاردىكى ساخىپەزلەرنىڭ ھۆكۈمىتىمىز نامىدىن ئۆز خەلقىمىزگە شۇنداقلا دۇنيا جامائاتچىلىگىگە بەرگەن مەلۇمات ياكى باياناتلىرى ئىناۋەتسىز ۋە قانۇنسىزدۇر.
ھۆكۈمىئىتىمىزنىڭ رەسمى تور بېتى 2004-يىلى 11-ئايدا ۋاشىنگتوندا چاقىرىلغان "ئاساسىي قانۇن ئېلان قىلىش يىغىنى"دا پۈتۈن دۇنياغا جاكالانغان تور بېتى ۋە كېيىن تەسىس قىلىنغان تور بەتتىن ئىبارەت:
www.eastturkistangovernmentinexile.us
ھۆكۈمەتنىڭ رەسمىي باياناتلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستانغا مۇناسىۋەتلىك ئاخبارات ۋە ئۇچۇرلار بۇ تور بەتلىرىدە ئېلان قىلىنىدۇ.تەپسىلى ئۇچۇرلار ۋە رادىئو-تېلېۋىزىيە قىسمى ھۆكۈمەت تور بېتىدە ئۇلانما ئادرېسى يېزىلغان بەتلەردىن ئىبارەت. ئاممىۋى تەشكىلات ياكى شەخسىلەرنىڭ تور بەتلىلرىدىكى ھەقسىز مۇنازىرە مەيدانلىرىغا چاپلاپ قويۇلغان يازمىلار ئىناۋەتسىز بولۇپ ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ.
ھۆرمەت بىلەن:
شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى
ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى-ۋاشىنگتون
2011-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى