REPUBLIC OF EAST TURKESTAN
ھۆكۈمەت ئورگىنى
P.O Box 3680 – Oakton, VA 22124 USA
Tel: +1-571-44-3886 Fax: (703)591-4257
http://www.etnfch.org
www.eastturkistan-gov.org
2-نومۇرلۇق
2004-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى سائەت 10:00
2004-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى ۋاشىنگتوندا "شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى"نىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ دۇنياغا جاكالىنىشى، بىزگە زور خوشاللىقلار ئېلىپ كەلدى.
ھۆكۈمىتىمىزنىڭ قۇرۇلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك يازما خەۋەرلەردە ناتوغرا ئىپادىلەر، تەھلىللەر ۋە ئوبزورلار كۆرۈللدى.
يازما ۋە سۇرەتلىك خەۋەر ھازىرلىغۇچى مۇخبىرلارنىڭ بۇندىن كېيىن شەرقىي تۇسكىئاتان ھەققىدە خەۋەر ھازىرلىغاندا ھۆكۈمىتىمىز رەسمى ئېلان قىلغان بايانات ۋە دوكلاتلارنى ئاساس قىلىشىنى ئۆتۈنىمىز.
دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا سۈرگۈن ھاياتىنى ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولغان شەرقىي تۈركىستان پۇخرالىرى ئىچىدىن تاللانغان 60 رەسمى ۋەكىلنىڭ بىردەك ماقۇللۇغى بىلەن قۇرۇلغان "شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى،"، شەرقىي تۈركىستان مىللىي مەجلىسىنىڭ ئىرادىسىگە ئاساسەن ۋۇجۇتقا چىقىرىلغان. چەتەللەردە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق بارلىق پۇخرالار ۋە جەمئىيەتلەر بۇ قېتىمقى ھۆكۈمەت قۇرۇش يىغىنىغا رەسمى تەكلىپ قىلىندى ۋە تەكلىپنامىلەر ئىۋەرتىلگەن ئىدى.
سىلەرگە ئېيتىمىزكى، بىر بولۇك بولگۇنچى ۋە جىدەلخور گۇرۇپپىلار تەكلىپ قىلىنمىغان ئىدى. ئۇلار ئوزلىرى تۇرغان دولەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى مەنبەئە قىلغان سىياسى سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن بۇنداق دولەتلەردە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ قىيىن ئەھۋالدا قالماسلىغى ئۇچۇن نوۋەتتىكى پائالىيەتكە قاتناشمىغانلىقىنى توغرا چۇشىنىمىز. مۇستەقىللىق يولىدىكى كۇرەشلىرىمىزگە توسقۇنلۇق قىلىشنى كوڭلىگە پۇككەن، باشقىلارنىڭ تەرىتىدە ناماز ئوقۇيدىغان شەخس ۋە تەشكىلاتلارنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى مەجلىسىمىزگە ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز.
2004-يىلى 13-،14-سەنتەبىر كۇنلىرى چەتەلدىكى ھەرقايسى دولەتلەردىن تاللانغان ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋەكىللەردىن 60 كىشىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن ئاۋال مىللىي مەجلىس باشلىقى سايلاندى، ئاندىن ئالتە ماددىلىق "شەرقىي تۈركىستان ئاساسى قانۇنىنىڭ دەسلەپكى لاھىيىسى" ماقۇللاندى.
ئاساسى قانۇننىڭ دەسلەپكى لاھىيىسىنىڭ بىرىنچى ماددىسىغان ئاساسەن "پارلامەنت" ۋە "ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى مەجلىسى" ئەزالىرىنىڭ سايلىمى ئېلىپ بېرىلدى.
ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى مەجلىسى قۇرۇلتاينىنھ ئاخىرقى كۈنى،يەنى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى بارلىق ۋەكىللەرنىڭ بىردەك قوشۇلۇشى بىلەن "شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى" نىڭ ئەزالىرىنى سايلاپ چىقتى.
ئەخمەت ئىگەمبەردى جۇمھۇر رەئىسلىككە،
ئابدۇۋەلى جان مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىسلىككە سايلاندى.
باشقا ھۆكۈمەت ئەزالارنىڭ ئىسىملىكى توۋەندىكىدەك:
ئەنىۋەر يۇسۇپ: باش مىنىستىر ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى
خىزىربەگ غەيرىتۇللا (قازاق): مۇئاۋىن باش مىنىستىر
دائىمان رەھمەت: مۇئاۋىن باش مىنىستىر ۋە مائارىپ مىنىستىرى
قەھرىمان غوجامبەردى: دولەت مۇداپىيە مىنىستىرى
ئازات ماھمۇت: مالىيە مىنىستىرى
ئايدوغان قۇبىلاي(قازاق): ئىقتىساد مىنىستىرى
ئابدۇجەلىل قاراقاش: ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ۋە تەشۋىقات مىنىستىرى
ساۋۇت ماھمۇت: قاتناش مىنىستىرى
ھەنىپە كەتەنە ئەرباش: ئەدلىيە مىنىستىرى
سۇلتان ماھمۇت: مەدەنىيەت مىنىستىرى
ئابدۇلھەكىم راھمان: بىناكارلىق-قۇرۇلۇش مىنىستىرى
رەشىدە گەنجەر: سەھىيە مىنىستىرى
نەفىسە ئوزگەن: دەھقانچىلىق ۋە يەزا خىزمىتى مىنىستىرى
ئىسمايىل جەنگىز: ساياھەت مىنىستىرى
ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىزلاردىن تەشكىل قىلىنغان ھۆكۈمىتىمىزنىڭ باياناتچىلىقىغا ئىسمايىل جەنگىز تەيىنلەندى.
ئامەرىكا قوشما شىتاتلىرى بىناسى "چاپىتول ھىلل"نىڭ يىغىن زالىدا، ئاي-يۇلتۇزلۇق كوك بايراق ئاستىدا "شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى" نىڭ قۇرۇلغانلىقى رەسمى دۇنياغا جاكالاندى ۋە ئاخباراتچىلارغا ھۆكۈمەت ئەزالىرى تونۇشتۇرۇلدى.
پارلامەنت قوبۇل قىلغان "ئاساسى قانۇننىڭ دەسلەپكى لاھىيىسى" ۋە "ھۆكۈمەت پروگراممىسى"غا تۇزىتىش كىرگۇزۇش ئىشلىرى بۇيىل 11-ئاينىڭ 12-كۈنى "ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى مەجلىسى" ۋە "مىنىستىرلار" يىغىنىدا ئەمەلىيلەشتۇرۇلىدۇ.
ھەچقانداق دولەتنىڭ تەۋەلىگىدە ۋە بەسىمى ئاستىدا بولمىغان مىللىي مەجلىسىمىز ۋە ھۆكۈمىتىمىز،تامامەن مۇستەقىل ھۆكۈمەت بولۇپ، خەلقارا ھوقۇقلارغا، دەموكراتىك ۋە ئەركىنلىككە ئىگە، بىرلەشكەن دولەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قانۇن-بەلگىلىمىرىگە بويسۇنىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ھورمەت قىلىدۇ. ھۆكۈمىتىمىز 1933-يىلى قۇرۇلغان "شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى"ۋە 1944-يىلى قۇرۇلغان "شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى" نىڭ داۋامىدۇر.
دولەت بايرىقىمىز ئاي-يۇلتۇزلۇق كوك بايراقتۇر.
شەرقىي تۈركىستان مىللىي مەجلىسى قاتنىشى ئەڭ قولاي بولغان، خەلقارا تەشكىلاتلارغا ئەڭ ئاسان يول بىلەن ئالاقە باغلىغىلى بولىدىغان ئامەرىكىغا ئوز ئىرادىسى بويىچە قۇرۇلغاندۇر.
ھۆكۈمىتىمىز تەلتوكۇس مۇستەقىللىقنى، دەموكراتىيىنى ئارزۇ قىلغان پۇتكۇل شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ تەستىقى بىلەن قۇرۇلدى. ھەچقانداق دولەتنىڭ نازارىتىدە ئەمەستۇر.ھۆكۈمىتىمىمز كىشىلىك ھوقۇققا ھورمەت قىلىدىغان، شەرەپلىك مۇستەقىللىق كۇرىشىمىزدە بىزنى قوللاشنى خالايدىغان، بارلىق دولەتلەرنىڭ رەسمى ۋە ئاممىۋى تەشكىلات، جەمىيەتلىرىنىڭ ماددى ۋە مەنىۋى ياردەملىرىنى قوبۇل قىلىدۇ.
1949-يىلدىن بېرى خىتاي مۇستەملىكىسىدە تۇرۇۋاتقان شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىغى-ھۆكۈمىتىمىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نىشانىدۇر. بۇ نىشانغا دەموكراتىك يوللار بىلەن، خەلقارا جەمىيەتنىڭ قوللىشى ۋە ياردىمىنى قوبۇل قىلىش بىلەن ئەرىشمەكچىمىز.
ھۆكۈمىتىمىز قۇرۇلۇش ھارپىسىدا ئامەرىكا قوشما شىتاتلىرى، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە تۇركىيە باشلىق، بىزنى قوللىغان ئاسىيا، ياۋروپا، ئافرىقا ۋە ئاۋىستىرالىيىدىكى بارلىق تەشكىلاتلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا چىن كوڭلىمىزدىن مىننەتدارلىقىنى بىلدۇرىدۇ.
www.etnfch.org ۋە www.uygur.org ئىنتەرنەت ئادرەسىدىن ھۆكۈمىتىمىز ۋە شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى ھەۋەر-ئۇچۇرلارغا ئەرىشىلەيسىز.
ۋەزىيەتنىڭ ئوزگىرىشى ۋە كېلىشىملەرگە ئاساسەن ھۆكۈمەت باياناتچىمىز كۇندىلىك، ھەپتىلىك باياناتلارنى ئەلان قىلىپ تۇرىدۇ.
ئىسمايىل جەنگىز
شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى
ھۆكۈمەت باياناتچىسى ۋە ساياھەت مىنىستىرى
2004-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى
تۈركچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: قاراخان