شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنىڭ ۋاشىڭتون خىتاپنامىسى
مەزكۇر خىتاپنامە كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىكنى ئىچكى-تاشقى سىياسەتلىرىنىڭ ئاساسى قىلغان ئامەرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ پايتەختى ۋاشىڭتون شەھەرىدە، كوممۇنıست خىتاي ئىستىلاسىدىن كېيىن چەت¡چەللەردە شەرقى تۇركىستاننىڭ ئازاتلىغى ئۈچۈن ئىزچىل كۈرەش قىلىپ كېلىۋاتقان ئاساسلىق تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەر ۋە ۋەكىللىرىنىڭ ئىشتىراكى بىلەن يېزىلىپ ماقۇللۇقتىن ئۆتكەندىن كېيىن ئېلان قىلىندى.
بۈگۈن 2004-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى ۋاشىڭتوندا-چاپىتول ھىلل پارلامەنت بىناسىندا قۇرۇلغانغانلىغىنى جاكالايدۇ.
شەرقىي تۈركىستانلىقلار بۈگۈن سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنى قۇردى.
شەرقىي تۇركىستان سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلىشى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بىردىن بىر ئارزۇسى، زاماننىڭ تەقەززاسى ۋە تەبىئەتنىڭ قانۇنىيەتلىرىگە تامامەن ئۇيغۇن ھەركەتدۇر.
ئىنسانلار جەمىيىتى ھامان تەبى قانۇنىيەتلەر ئاساسىدا ياشاپ كەلدى. تەبىئەت ئىنسانلارغا، جۈملىدىن شەرقىي تۇركىستانلىقلارغا ھاياتلىق ھوقۇقى، مەۋجۇتلۇق ھوقۇقى، ئەركىنلىك ھوقۇقى ۋە مال-مۈلكىگە ئىگە بولۇش ھوقۇقىنى ئاتا قىلدى. يەنى ھەرقانداق ئىنسان ئەركىن ھايات كەچۈرىشكە ھوقۇقلۇق. شۇڭا ھەربىر كىشىنىڭ بىر مىللەتكە ئەزا بولۇش سۈپىتىدە مىللەتنىڭ سىياسى يولىنى تاللاش ھوقۇقىنى ئەمەلگە ئاشۇرىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشى لازىم بولدى.
ئاللاھ ئىنسانلارغا بەرگەن تەبىئى ھوقۇقلارنى ئىنسانلار ئۆزگەرتەلمەيدۇ. ئۇنى شۇپېتى قوبۇل قىلىشى لازىم.
ئامەرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ "مۇستەقىللىق خىتاپنامىسى" دا: "ھەربىر ئىنسان تۇغۇلىشى بىلەنلا بارابەردۇر. ئۇلار ياراتقۇچى تەرىپىدىن باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بەرگىلى بولمايدىغان ھوقۇقلارغا، جۈملىدىن ھاياتلىق ھوقۇقى، ئەركىنلىك ھوقۇقى، بەخت قوغلۇشۇش ھوقۇقلىرىغا ئېرىشكەن. بۇ ھوقۇقلارنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئىنسانلار تەرىپىدىن ھۆكۈمەت قۇرۇلغان." دەپ كۆرسىتىلگەن.
دىمەك ئامەرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ مۇستەقىللىق خىتاپنامىسىدا تەبىئەت ئىنسانلارغا ئاتا قىلغا تەبىئى ھوقۇقلار مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن.
بۈندىن 55 يىل بۇرۇن، 1949 - يىلى 8 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، "مائو زەدوڭنىڭ تەكلىبى بىلەن ئۇرۇش ئايرۇپىلانىغا ئولتۇرۇپ بەجىڭغا كېتىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان رەھبەرلىرىنىڭ ئايرۇپىلان ۋەقەسى بىلەن ئۆلگەنلىگى" ھەققىدىكى ھەۋىرى يېتىپ كەلدى. مەزكۇر خەۋەر بەئىجىڭغا يېتىپ كەلگەندە مائو زەدوڭ كوممۇنىست تاجاۋۇزچى ئارمىيىسىنى ئىبەرتتى ۋە بۇنىڭ بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەملىكە ھاياتى باشلاندى.
ئۆتۈپ كەتكەن بۇ يىللار ئىچىدە قەرىنداشلىرىمىز ئېزىلگۈچى خەلقىمىزگە ياردەم قىلماق ۋە ئۇلارنىڭ دەردىگە دەرمان بولماق ئۈچۈن ۋە بۇ مەزلۇم خەلقنىڭ ئەلەم-ھەسرەت ۋە ئاھۇ-پەريادلىرىنى يېيىپ ئەسىرلەرچە ھۆر ياشىغان خەلقنىڭ ھۆرىيىتى ۋە مۇستەقىللىغى ئۈچۈن ئوتتۇرغا چىقتى. لېكىن كومۇنىست خىتايلار ئۈزلۈكسىز ھالدا يانغان ھەربىر ئۇچقۇننى ئۆچۈرۈپ، چىققان ھەربىر سادانى ئۇجۇقتۇرۇپ، ئېچىلىشقا ئىنتىلگەن ھەربىر ئۈمىد غۇنچىسىنى ئۆلتۈرۈپ كەلدى. بۇ شۇم دەۋرلەر ئىچىدە ئۈمىدۋارلىق بىلەن ياشاپ كەلمەكتە بولغان بۇ مەھكۇم شەرقىي تۈركىستان خەلقى "بىزلەرنىڭ دەردىمىزنى ئاڭلايدىغان بىرەرسى بارمىدۇ؟ چەتئەللەردە شەرقىي تۈركىستاننىڭ بىرەر ئاۋازىمۇ بارمىدۇ؟ بىزلەر ئۈچۈن سۆزلەيدىغان بىرەر مىللەت ياكى بىلەر رەھبەر ياكى بىرەر دۆلەتمۇ مەۋجۇتمىدۇ؟ " دەپ ئىنتىزارلىق ئىچىدە پەرياد چەكمەكتە.
بۇ ئەندىشە ۋە ئىنتىزارلىق ھازىر تۈگىدى. شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۆزلىرىنىڭ ئارزۇ قىلغان ئاۋازىنى تاپتى. بۈگۈن چەتئەلدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلار ھاياتلىق ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۇشبۇ سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنى قۇردى—مۇستەقىل بولۇشنىڭ زۆرۈر سىياسى يولىنى تاللىۋالدى.
شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى