باياناتلار

2-گۇئانتانامو تۈرمىسىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىق مەھبۇسلار ھەققىدىكى بايانات

 شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنىڭ

 

گۇئانتانامو تۈرمىسىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىق مەھبۇسلار ھەققىدىكى باياناتى

 

2011- يىلى 4- ئاينىڭ 5- كۈنى، ۋاشىنگتون

داۋامى:

بىز بۇ خۇسۇستا پىرىزدېنت ئوبامانىڭ خىتاينىڭ تەتۈر تەشۋىقاتى بىلەن زەھەرلەنگەن بۇ، كىمنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ خەلقىنىڭ ئامانىلغى ئۈچۈن شۇنداقلا پۈتۈن دۇنيا جامائاتچىلىگىنىڭ ئامانلىغى ئۈچۈن تەھدىت بولۇۋاتقان ھەقىقى تېررورچى ئىكەنلىگىنى بىلەلمەي ئاغزىغا كەلگەننى جۆيلىۋاتقان قارشىسىدىكى يۇقۇردا ئىسىملىرى ئىزھار قىلىنغان ھۆكۈمەت ئەرباپلىرىغا ۋە خەلقىگە ھەقنى ئاڭلاتقان ئاساستا ئۇشبۇ بىگۇناھ ۋەتەنداشلىرىمىزنىڭ باشقا دۆلەتلەرگە ئەمەس ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىلىشىگە، ھەتتا ئاللابۇرۇن باشقا دۆلەتلەرگە مۇقىم ياكى ۋاقىتلىق يەرلەشتۈرۈلگەن سابىق ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ ھەم يېقىن كېلەچەكتە ئامېرىكىغا ئېلىپ-كىلىنىپ پانالىق بېرىلىشىگە باشلامچىلىق قىلىش ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مىللىي ئازاتلىق داۋاسىغا يېقىندىن ھېسداشلىق قىلىشىنى سورايمىز.

بۇيەردە پىرىزدېنت ئوباما رەھبەرلىگىدىكى ئامەرىكا ھۆكۈمىتىگە، شۇنداقلا خىتاينىڭ دۇمبىقىغا ئۇسۇل ئويناپ ئۆزلىرىنىڭ دۆلەت مەنپەئەتلرى ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قۇربان قىلىۋاتقان پۈتۈن دۇنيا جامائەتچىلىگىگە شۇنى يەنە بىر قېتىم خاتىرلىتىپ ئۆتۈش زۆرۈركى، بۈگۈنكى كۈندە 10 يىلدىن بىرى رەسمى مەتبۇئاتلارىدا "گۇئانتانامو تۈرمىسىغا قامالغان "22 نەپەر خىتاي مۇسۇئالمانلىرى)" دەپ تىلغا ئېلىنماقتا بولغان مەھبۇسلار ئەسلىدە خىتاي مۇسۇلمانلىرى بولماستىن، تۇپراقلىرى خىتايلار تەرىپىدىن زورلۇق بىلەن بېسىۋېلىنغان ئۇيغۇر-تۈرك مۇسۇلمانلىرىدۇر. بۇلار دۇنياغا مەشھۇر يىپەك يولىدەك خەلقئارا تىجارىتىنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشى ۋە ئۇنىڭ تەرەققىياتىدا ئاچقۇچلۇق رول ئوينىغان ئورتا ئاسىيادىكى "تۈركىستان" دەپ ئاتىلىدىغان سەددىچىندىن كاسپى دېڭىزىغىچە سوزۇلغان بىپايان تۇپراقلاردا ياشاش جەريانىدا دۇنيا مەدىنىيىتىگە ئۆچمەس تارىخى تۆھپىلەرنى قوشقان بۈيۈك تۈرك مىللىتىنىڭ "ئۇيغۇرلار" دەپ ئاتىلىدىغان قەبىلىسىنىڭ ھازىرقى ئەۋلاتلىرى بولۇپ، بۇلارنىڭ تارىختا "شەرقىي تۈركىستان" دەپ ئاتىلىدىغان تەخمىنەن 2 مىليون كۇۋادرات كىلومېتىردىن كۆپرەك يەر ئاستى ۋە ئۈستى تەبىئى بايلىقلار بىلەن لىق تولغان كۆركەم تۇپرىغى بۇندىن 60 يىل ئەۋۋەل كومۇنىست خىتايلار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىۋېلىنغان. ھازىر، بۇ تۇپراق خىتاي ۋە خىتايپەرەسلەر تەرىپىدىن "شىنجاڭ (يەڭى چىگرا)،" ياكى "شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى"- دەپ ئاتىلىدۇ.

1949-يىلدىن بېرى كومۇنىست خىتايلار بۇ تۇپراقنى پەقەتلا مۇتلەق دۆلەت تېررورچىلىقى ئاساسىغا قۇرۇلغان زوراۋان سىياسەتلىرىگە تاينىپ ئىدارە قىلىپ كەلمەكتە بولۇپ بۇ ئۆتۈپ كەتكەن 60 يىل ئىچىدە خىتاينىڭ بۇ دۆلەت تېررورىزىمىغا قارشى تۇرغان مىليونلىغان شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۆلتۈرۈلدى، نەچچە يۈزمىڭ مۇنەۋۋەر قىز-يىگىت قاراڭغۇ زىندانلارغا تاشلاندى، يۈزمىڭلىغان خەلق خانى-ۋەيران بولۇپ يۇرتلىرىنى تەرك ئېتىپ چەتئەللەرگە ھىجرەت قىلىپ چىقىپ كەتتى. ئۆلمەي تىرىك قالغان 35 مىليون شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۆزلىرى ئۈچۈن زىندان بولغان "شەرقىي تۈركىستان" دىن ئىبارەت بىپايان تۇپراقلاردا پۈتۈن ئىنسانى ھوقۇقلىرىندىن مەھرۇم قىلىنغان ھالدا قۇللۇق ئىچىدە ئاخىرقى نەپەسلىرىنى ئالماقتا. يېقىنقى 30 يىل ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يۈز بەرگەن خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى قوزغۇلاڭلار، مەسىلەن، تەخمىنەن ئىككى يىل بۇرۇن (2009- يىلى 7- ئايدا) ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن "5- ئىيۇل قوزغىلىڭى"، ئۇندىن ئەۋۋەل 1997-يىلى غۇلجىدا يۈز بەرگەن "5- فەبرال قوزغىلىڭى"، ئۇندىن بۇرۇن 1990- يىلى بارىندا يۈز بەرگەن "بارىن ئىنقىلابى" ۋە 1981- يىلى پەيزىۋاتتا يۈز بەرگەن "پەيزىۋات قوزغىلىڭى" خىتاي زوراۋانلىقىغا ياكى خىتاينىڭ يۇرتىمىز شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزمەكتە بولغان دۆلەت تېررورچىلىقىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان يۈزلىگەن قوزغىلاڭ ياكى مىللىي ئىنقىلاپنىڭ بىر قىسمى بولۇپ ھەرگىزمۇ خىتايلارنىڭ ئەيتقىنىدەك بىر قانچە كىشىنىڭ كۈسكۈرتىشى بىلەن ئوتتۇرغا چىققان ھەيران قالارلىق تاسادىبى ۋەقە ئەمەستۇر.

[خىتاي تەرىپىدىن شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان يۇقۇرىدا ئىزھار قىلىنغان دۆلەت تېرورلۇق سىياسىتىنىڭ دەلىل-ئىسپاتلىرى ھەققىدە بولۇپمۇ زادى كىمنىڭ تېررورچى ئىكەنلىگى ۋە كىمنىڭ تېررورچىلىقنىڭ قۇربانى ئىكەنلىگى ھەققىدە يېقىندا ئېلان قىلىنىدىغان باياننامىلىرىمىزدا ئالاھىدە توختىلىمىز.]

دىمەك، مەيلى مەزكۇر تۇتقۇندىكى 22 نەپەر شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇر مۇسۇلمانلار بولسۇن مەيلى ۋەتەن ئىچىدە خىتايلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن تۈمەنلىگەن شەھىدلەر ۋە مۇددەتسىز قاماققا ئېلىنىپ ھاياتلىرىنى قاراڭغۇ زىندانلاردا ئۆتكۈزىۋاتقان تۈمەنلىگەن سىياسى مەھبۇسلار بولسۇن، بۇلارنىڭ ھەممىسى مانا شۇ بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنغان تۇپراقلىرىنى باسقۇنچى خىتايدىن قايتۇرۇپ ئېلىپ ئېزىلگەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قۇللۇق ئىشكەنجىسىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئورنىدىن تۇرغان قەھرىمان مۇجاھىدلىرىمىزدىن بولۇپ، بۇلار ھەرگىزمۇ يۇرت ئىچى ۋە تېشىدا خىتاي ۋە خىتايپەرەس خوجايىنلىرىغا يۇرتىمىزنىڭ "مۇستەقىللىق داۋاسىنى" قەتئى تەشەببۇس قىلماسلىق ۋە ھەتتا تەشەببۇس قىلغانلارغا چىش-تىرنىغى بىلەن قارشى تۇرغان ھالدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى داۋاملىق ئىدارە قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ خىتاينىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىشلەۋاتقان ۋەتەن ساتقۇنلىرى مىللىي مۇناپىقلار ئىلگىرى سۈرىۋاتقاندەك "خىتاينىڭ زۇلىمىغا چىدىمىغانلىغى ئۈچۈنلا ياكى تۇرمۇشتا پەۋقۇلاددە قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەنلىگى ئۈچۈن راھات-پاراغەتنى كۆزلەپ يۇرتتتىن قاڭقىپ چىكىتىپ قالغان بىچارە ئۇيغۇرلاردىن ئەمەستۇر. (بۇ يەردە ئىزھار قىلىنغان ۋەتەن ساتقۇنلىرى مىللىي مۇناپىقلارنىڭ كىملىگى ۋە بۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنىڭ نىمىلەردىن ئىبارەت ئىكەنلىگى توغرىسىدا كېيىنكى باياننامىلىرىمىزدا توختىلىمىز)

ئەسلىدە، بۇ مۇجاھىدلىرىمىزنىڭ 1980- يىللىرى سابىق "سوۋەتلەر ئىتتىپاقى" تەرىپىدىن ۋەتىنىنىڭ ئىشغال قىلىنىشىغا قارشى قوراللىق كۈرەش قىلىپ پۈتۈن دۇنياغا تەھدىت بولۇپ سانالغان رۇس كومۇنىست ئىمپىراتورلىقىنىڭ پارچىنىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان قەھرىمان ئافغانىستان مۇجاھىدلىرىدىن ھېچقانداق پەرقى يوق بولۇپ، ئۆزلىرىنى كومۇنىست رۇس ئىمپىراتورلىقىنىڭ ئىشغالىدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن قوراللىق كۈرەش قىلغان يۈز مىڭلىغان ئافغانىستانىلىق مۇجاھىد "تېررورچىلار" دىيىلمەستىن ياكى "جەمىيەت ئامانلىقىغا خەۋپ"-دەپ تونۇلماستىن ئامېرىكىغا ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىغا ئەكىلىپ يەرلەشتۈرۈلگەن يەردە ئەجىبا خىتاي كومۇنىست ئىمپىراتورلىغىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ ئۆزلىرىنىڭ ئازاتلىقىغا ئېرىشمەكچى بولغان 22 نەپەر شەرقىي تۈركىستانلىق تېررورچىلار ياكى جەمىيەت ئامانلىغىغا خەۋپ ئىنسانلار بولۇپ دۇنياغا پاتمايدىكىنا؟ گەرچە رۇس كومۇنىست ئىمپىراتورلىغى پارچىلىنىپ تۈگىگەن بولسىمۇ، لېكىن خىتاي كومۇنىست ئىمپىراتورلىقى تېخىچە مەۋجۇت بولۇپ، ئۇنىڭ مەخسىدى پۈتۈن دۇنيانى چاڭگىلىغا ئېلىشتۇر.

 

بۇ يەردە يەنە شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتمەكچىمىزكى، ئەسلىدە، شەرقىي تۈركىستان خەلقى بىلەن ئىرقداش ۋە دىنداش بولغان تۈرك ۋە ئىسلام ئالىمى تۇرغان يەردە 22 نەپەر شەرقىي تۈركىستانلىق تۈرك-مۇسۇلماننىڭ باشقىلارغا تەڭلىنىشىنىڭ ئۆزى بەك ئېچىنىشلىق ۋە ئەڭ شەرمەندىچىلىك ئەھۋال ئىدى. لېكىن، بۇلار ئاللاقاچان ئۆز ئىختىيارلىرى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ زۇلۇم ئىچىدىكى ئىرقىي ۋە دىنىي قېرىنداشلىرىغا ھېسداشلىق قىلىش ئىقتىدارىنى يوقاتقان ھالدا خىتاينىڭ ھۆر دۇنيادىكى قۇللىرىغا ئايلانغان.

 

بۇ سەۋەپتىن، خوجايىنىدىن قورقۇپ شەرقىي تۈركىستان ئازاتلىق كۈرىشىگە ئىگە بولۇش ۋە ئۇنى قوللاش ئۇياقتا تۇرسۇن، مىڭ بىر مۇشەققەت ئىچىدە ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ۋەتىنىنىڭ ئازاتلىغى ئۈچۈن ھىجرەت قىلىپ تەلىيىنىڭ كاجلىقىدىن باشقىلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ زىندانغا تاشلانغان 22 نەپەر ئۆز قېرىنداشلىرىغا ساھىپ چىقالمىدى. ھەتتا، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ۋەتەننىڭ ئازاتلىغى يولىدا يۇرتىمىزدىن ھىجرەت قىلىپ مىڭبىر جاپا مۇشەققەت ئىچىدە بۇ قېرىنداش دۆلەتلەرنىڭ تۇپراقلىرىغا سالامەت يېتىپ كېلىپ پانالىق تىلىگەن يۈزلەرچە ھەقىقى مۇجاھىدلىرىمىزغا رەسمى شەكىلدە ساھىپ چىقمىدى. لەنەتكە لايىق يېرى شۇكى، بۇلارغا ساھىپ چىقىش ئۇ ياقتا تۇرسۇن گەرچە ئۆزلىرىنى تۈرك ياكى ئىسلام ئالىمىنىڭ قوغدىغۇچىللىرى سانايدىغان بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ مۇناپىق رەئىس ۋە سۇلتانلىرى خىتاي ۋە خىتايچىلارغا ئالتۇن مېدال ۋە ئالتۇن قىلىچلارنى تەقدىم قىلىپ ئۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان زوراۋانلىق ھەركەتلىرىگە ئىلھام بەرمەكتە. 5- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن تۈركىيەدە ۋۇجۇدقا كېلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستانغا ساھىپ چىقىش دولقۇنى كۈندىن كۈنگە ئەۋج ئېلىۋاتقاندا يەنىلا يۇرتىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ تۈركىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن رەسمى شەكىلدە "خىتاينىڭ بىر بۆلۈنمەس پارچىسى"-دەپ تەكىتلىنىپ ئۇنىڭ نامىنىڭ "شەرقىي تۈركىستان"- ئەمەس، "شىنجاڭ" دەپ ئاتىلىشى (گەرچە پۈتكۈل تۈرك مىللىتى تەرىپىن "شەرقىي تۈركىستان ياكى دوغۇ تۈركىستان" دەپ ئاتىلىدىغان تۇرسىمۇ) يۇرتىمىزنىڭ ئازاتلىغى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان مۇنەۋۋەر خەلقىمىزنى تېخىمۇ تەتۈر قىيناپ ئازاپلىماقتا.

 

بۈگۈنكى كۈندە، خىتايغا باش ئەگمەي كېلىۋاتقان بىرلا دەرىجىدىن تاشقىرى دۆلەت قالغان بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى ئىدى، لېكىن خىتايلار ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىيە مەخپىيەتلىكلىرىنى ئوغۇرلاش ۋە ئۇنى گەردىنىگىچە قەرزگە بوغۇش ئارقىلىق قارىماققا پۈتۈنلەي ئۆز ئىشغالى ئاستىغا ئالالمىغان بولسىمۇ لېكىن ئاساسى جەھەتتىن ئۆز كونتروللىقىغا ئېلىپ بولغان ۋەزىيەت شەكىللەنمەكتە. مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتنى خىتاينىڭ بويۇنتۇرقى ئاستىدىكى بىر قۇل مىللەت ھىس قىلىپ يېتىپ ئۇنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان ۋەزىيەتتە ئۆزىنى ئەركىنلىك ۋە ئادالەتنىڭ بۆشۈگى سانىغان ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى نىڭ پۈتۈن دۇنياغا بالايى-ئاپەت سانالغان كومۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىماقچى بولغان شەرقىي تۈركىستان مۇجاھىدلىرىنى قۇۋەتلەپ تەقدىرلىمەكتە يوق ئەكسىنچە بۇلارنى خىتايغا ئوخشاشلا ھاقارەتلەپ ئېيىپلاشلىرى تولىمۇ ئەجەپلىنەرلىك بىر ھادىسە.

 

بىزنىڭ نەزىرىمىزدە، مەيلى ئۇلارنىڭ كىم بولۇشىدىن ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئىچىدىكى ھوقۇق دائىرىسىنىڭ قانچىلىك بولۇشىدىن قەتئى نەزەر مەزكۇر تۇتقۇندىكى شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇرلارنىڭ بىگۇناھ ئىكەنلىگىنى ئۇقۇپ تۇرۇپ يانىلا "جەمئىيەت ئامانلىقىمىزغا ھەۋپ"- دىگەن باھانا بىلەن بۇلارنىڭ ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىلىشىگە قارشى تۇرىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بۇلارنىڭ قوراللىق تەلىم-تەربىيە كۆرگەنلىگى ئۈچۈن ئەمەس بۇلارغا ئىشەنمىگەنلىكىدىن بولغان. ئىشەنمىگەنلىكىنىڭ سەۋەبى مەزكۇر شەرقىي تۈركىستانلىق مەھبۇسلارنىڭ كىم ئىكەنلىگىدىن ھېچ قانداق مەلۇماتىنىڭ يوقلىغىدىن ياكى بۇلارنىڭ كىملىكى ھەققىدە ئاز-تولا مەلۇماتى بولغان تەقدىردىمۇ بۇلارنىڭ مۇسۇلمانلار توغرىسىدىكى كۆز قارىشىنىڭ ھازىرغىچە توغرىلانمىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن بۇ يەردىكى ئاتالمىش "ئەندىشە"گە سەۋەپچى بولۇۋاتقان نەرسە ھەيۋىتى دۇنياغا داڭ كەتكەن "گىتمو" دەپ ئاتىلىدىغان ئۇشبۇ گۇئانتانامو تۈرمىسىنىڭ ھەقىقى ئەپتى-بەشىرىسىنىڭ كېلەچەكتە مەزكۇر 22 ئۇيغۇرنىڭ ئاغزى بىلەن دۇنياغا يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلىنىپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى ئېھتىمالغا يېقىن.

ئۇنداق بولمىغاندا بۇلار ئافغانىستاندا ھەربى تەلىم-تەربىيە كۆرگەنلىكى ئۈچۈنلا "ئامېرىكا خەلقىگە ھەۋپلىك"- دەپ قارالسا، ئۇ ھالدا ئامېرىكىدىكى بارلىق ھەربىي تەلىم-تەربىيە كۆرگەن ۋە ياكى قورال-ياراقلارنى ئىشلىتىشنى بىلىدىغان ئۇششاقى-چوڭ ئەر-ئاياللارنىڭ ھەممىسىنى "جەمئىيەت ئامانلىقىغا تەھدىت"- دەپ باشقا ياقا يۇرتلارغا پالىۋېتىشكە توغرا كەلمەمدۇ؟

بۇلارنى ئامېرىكا جەمئىيەت ئامانلىغى ئۈچۈن تەھدىت،- دەپ قارالغان تەقدىردە بۇلارنىڭ تەھدىت بولۇپ كۆرۈنىشىگە سەۋەپ بولغان ئامېرىكا ئۆزى ئەمەسمۇ؟ نىمە ئۈچۈن تارىختا ھېچ بىر زامان ئامېرىكىغا تەھدىت بولۇپ باقمىغان شەرقىي تۈركىستان خەلقى بۈگۈنكى كۈندە تەھدىت بولۇپ قالدى؟ ئەگەر سىلەر "چۈنكى بۇلارنى بىز يىللارچە ناھەق قاماپ ئازاپلىدۇق،ئەمدى بۇلارنى ئامېرىكىغا قويۇپ بەرسەك بىزدىن كېلەچەكتە ئۆچ ئېلىشى مۇمكىن، شۇڭا بېشىمىزغا بالا تاپماي بۇلارنى كۆزىمىز كۆرمەيدىغان بىرەر يەرگە پالىۋەتسەك دەيمىز، ياكى ھېچ بولمىغاندا بۇلار نەدىن تۇتۇپ كېلىنگەن بولسا شۇ يەرگە ئاپىرىپ تاشلىۋېتىلىشى لازىم"-دەپ قارىغان بولۇشىڭلار مۇمكىن. بۇ سەۋەپلەرنىڭ ھېچ بىرسى بۇلارنىڭ ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىلمەسلىكىگە سەۋەپچى بولالمايدۇ. بۇلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى خاتا بولغان بولسا ۋە بۇلارنىڭ ئالدىنىڭ 6 يىل، كەينىنىڭ 10 يىل، ھەتتا بەزىلىرىنىڭ ھازىرغىچە مۇددەتسىز تۈرمىدا قاماقتا يېتىشى ناھەق بولغان بولسا بۇلارنى ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىشنىڭ ئۆزى بۇلاردىن كەچۈرۈم سوراشنىڭ بىردىن-بىر ياخشى پۇرسىتىغۇ؟ لېكىن، بۇلار بۇ تارىخى پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويۇۋاتىدۇ.

 

ئەسلىدە، يۇقۇرىدا ئىزھار قىلىنغان ھەممە ھەقسىزلىككە سەۋەپچى بولغان باشقا ھېچكىشى ئەمەس، پەقەت ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆزى بولغاندىن كېيىن، ئەگەر ئۇ بۇ بىگۇناھ مەھبۇسلارنى ئۆزىنىڭ دۆلىتىگە قويۇۋېتىپ پانالىق بەرگەن بولسا، بۇنىڭ بۇ ئىنسانىيەتچىلىگى بىزنىڭ نەزىرىمىزدە يالغۇز بۇ مۇجاھىدلىرىمىزنىڭ 10 يىللىق ئازاپ-ئوقۇبەتلىك تۈرمە ھاياتى ئۈچۈن قىلغان ئۆزۇرخالىقى بولۇپلا ھېساپلانماستىن، جۈملىدىن بۇش ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ 2001-يىلى يۈز بەرگەن "11-سېنتەبىر" ۋەقەسىدىن كېيىن ئۆز دۆلەت مەنپەئەتىنى كۆزلىگەن ھالدا كومۇنىست خىتاينىگ تەشەببۇسكارلىغى بىلەن ھېچقانداق ئاساسسىزلا بىر قىسىم شەرقىي تۈركىستان ئازاتلىق تەشكىلاتلىرىنى ئۆزىنىڭ، شۇنداقلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ "تېررورچى تەشكىلاتلار" تىزىملىكىگە قېتىپ قويۇشىدىن ئىبارەت تارىخى خاتالىقى نەتىجىسىدە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بېشىغا كەلگەن ۋەھشى قىرغىنچىلىق ۋە بالايى-ئاپەتلەر ئۈچۈن كىچىككىنە بولسىمۇ يۈزى قىزارغانلىغىنىڭ ئىپادىسى بولۇپ كۆرۈنەردى. [ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ بۇ تارىخى خاتالىغى نەتىجىسىدە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ تارتقان زىيانلىرى ياكى كۆرۈۋاتقان كۈنلىرى ھەققىدە بۇندىن كېيىنكى باياننامىللىيرىمىزدە ئالاھىدە توختۇلىمىز.]

ئەڭ ئاخىرىدا، ھۆكۈمىتىمىز نامىدىن، ئامېرىكا ھۆكۈمتى ۋە ئۇنىڭ خەلقىگە، جۈملىدىن پۈتۈن دۇنيا جامائەتچىلىكىگە شۇنى جاكالايمىزكى، شەرقىي تۈركىستان خەلقى ھېچ بىر زامان خىتاي باسقۇنچىلىرىدىن باشقا ھېچقانداق بىر دۆلەتنى ياكى مىللەتنى ئۆزىنىڭ دۈشمىنى ھېساپلىمىدى ۋە ھېساپلىمايدۇ. مەزكۇر 22 نەپەر شەرقىي تۈركىستانلىق ۋەتەندىشىمىزنىڭ مەسىلىسىنىڭ قانداق بىر تەرەپ قىلىنىشى كېلەچەكتىكى مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى بىلەن ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى ئوتتۇرۇسدىكى دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام قۇرۇلۇپ راۋاج تېپىشىدا تارىخى ئەھمىيەتلىك رول ئوينايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز ئوباما رەھبەرلىگىدىكى ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر تۇتقۇندىكى شەرقىي تۈركىستانلىق ۋەتەنداشلىرىمىزنىڭ مەسىلىسىنى تۆۋەندىكى ئۈچ تۈرلۈك تەلەپلىرىمىزنى شەرتسىز ئىجرا قىلىش بىلەن بىر تەرەپ قىلىشىنى سورايمىز.

1. ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن كۇبادىكى "گۇئانتانامو ھەربىي تۈرمىسى"دە قامىلىپ ھاياتلىرىنى ئەركىنلىكتىن پۈتۈنلەي مەھرۇم تۇتقۇنلۇق ئىچىدە ئۆتكۈزگەن ۋە ھازىرغىچە تۇتقۇندا ئۆتكۈزىۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق ۋەتەنداشلىرىمىزغا دەرھال ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىدىن پانالىق بېرىلىشىنى (گەرچە بۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى باشقا جايلارغا پالاندى قىلىنغان ياكى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولسىمۇ)؛

2.ئۆزىنىڭ بۇ 22 نەپەر بىگۇناھ شەرقىي تۈركىستانلىق ۋەتەنداشىمىزنىڭ تۇتقۇندىكى زامانلىرىدا ئۇلارغا قارشى قىلغان زۇلۇم، ھاقارەت، قىيناش قاتارلىق غەيرى ئىنسانىي قىلمىشلىرى ئۈچۈن، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئەشەددى دۈشمىنى بولغان كومۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلىشىپ ياكى ئۇلارنى دەستەكلەپ مەزكۇر ۋەتەنداشالىمىز ئۈستىدە نۇمۇسسىزلارچە ئېلىپبارغان ھاقارەتلىك قىيىن-قىستاق ۋە سوتلىرى ئۈچۈن كەچۈرۈم سورىشىنى؛

3. بۇلارنىڭ نەچچە يىلدىن بېرى مۇددەتسىز تۇتقۇن ئىچىدە يۇرتلىرىدىن، ئاتا-ئانا، بىر تۇققان ۋە ئۇرۇغ تۇققانلىرىدىن، بولۇپمۇ خوتۇن ۋە بالا-چاقىلىرىدىن ئايرىلىپ ھەسرەت-نادامەتلىك ئىچىدە ئۆتكۈزگەن ئازاپ-ئوقۇبەتلىك ھاياتىنىڭ بەدىلى سۈپىتىدە ھەر بىر كىشى ئۈچۈن 10 مىليون دوللاردىن جەمى 220 مىليون ئامېرىكا دوللار تۆلەم تۆلەپ بېرىشىنى ياكى بولمىسا بۇلارنىڭ ھەر بىرىگە ناھەق قارىلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان بىر ئامېرىكا ۋەتەندىشىغا تۆلىنىدىغان تۆلەمنىڭ نەرقى بويىچە تۆلەم تۆلىشىنى سورايمىز.

 

باياناتنىڭ بېشىنى ئوقۇش ئۈچۈن بۇ يەرنى بېسىڭ. 

 

چوڭقۇر ئېھتىرام بىلەن:

ئەنۋەر يۈسۈپ تۇرانى

 

شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى باش مىنىستىرى

 

2011- يىلى 4- ئاينىڭ 5- كۈنى، ۋاشىنگتون، ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى

 

http://www.eastturkistan-gov.org

شەرقىي تۈكىستان جۇمھۇرييىتي سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى©2004-2015

XHTML 1.0 Strict xelqara ölchimige uyghun. CSS xelqara ölchimige uyghun.