ئاساسىي قانۇن

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئاساسىي قانۇنى

كىرىش سۆز

بۇ ئاساسى قانۇن 1949-يىلى 10-ئايدا تاجاۋۇزچى خىتاي كومۇنىست ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىۋەلىنغان ۋەتىمىز تۇپراقلىرىدىن چەتئەلگە چىقىپ كەتىشكە مەجبۇر بولغان شەرقىي تۈركىستانلىق مۇھاجىرلارنىڭ ئورتاق مىللىي ئىرادىسى بىلەن تۈزۈپ چىقىلدى.
ئۇشبۇ ئاساسى قانۇن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق ۋە ھۆرىيىتىنى قولغا كەلتۈرۈشىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى ۋە ھۆرىيەتكە ئەرىشكەندىن كەيىن دۆلىتىمىزنىڭ ئەمەل قىلىشقا تەگىشلىك سىياسى تۈزۈمى ۋە يولىنى كۆرسىتىپ بەرىشنى مەقسەت قىلىدۇ.

بىرىنچى بۆلۈم

دۆلەت ئىسمى، دۆلەت تۈزۈمى، دۆلەت بايرىقى، دۆلەت گىرىبى، ئىستىقلال مارشى، مىللى مارشى، دۆلەت تىلى، دۆلەت دىنى ۋە پايتەختى

1- ماددا: دۆلەت ئىسمى: شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى 

2-ماددا: دۆلەت تۈزۈمى
دەموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئىجتىمائى، دەموكراتىك بىر پۈتۈن ھوقۇق دۆلىتىدۇر. شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىنىڭ زىمىن پۈتۈنلىگىنى، مىللىتىنىڭ بىرلىگىنى پاركىلاشقا بولمايدۇ ۋە يول قويۇلمايدۇ.

3-ماددا: دۆلەت بايرىغى ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقدۇر. (قوشۇمچە ئا غا قاراڭ)

4-ماددا: دۆلەت گىرىبى، ھىلال ئاينىڭ ئوڭ تەرىپىدە توققۇز ۋە سول تەرىپىدە توققۇز دانە نوقتا بولۇپ، بۇ نوقتىلارنىڭ، ھىلال ئاينىڭ ئەڭ تۆۋەن قىسمىدىكى ئۇچلىرى بۇغۇچ بىلەن باغلانغان. ھىلال ئاينىڭ ئوتتۇرىسىدا ھۆسنىخەت بىلەن يەزىلغان "بىسمىللاھھىرراھمانىرراھىم"، ھىلال ئاينىڭ ئىككى ئۇچىنىڭ ئۇچرىشىدىغان يەرىدە ئۈچ دانە يۇلتۇزدىن تەشكىل تاپقان بىر شەكىلدىن ئىبارەتتۇر. (قوشۇمچە ب گە قاراڭ)

ئون سەككىز دانە نوقتا، شەرقىي تۈركىستاندا ياشىغان ئون سەككىز تۈرك قەۋمىنىڭ سىمۋولىدۇر. ئۈچ يۇلتۇز بولسا تارىختا شەرقىي تۈركىستاندا قۇرۇلغان كۆك تۈرك، ئۇيغۇر ۋە قاراخانىلار دۆلەتلىرىنىڭ سىمۋولىدۇر.

5-ماددا: دۆلەتنىڭ ئىستىقلال ۋە مىللىي مارشى،مىللىي قەسىمى

دۆلەتنىڭ ئىستىقلال مارشى،1933-يىلى مەمتىلى ئەپەندى (تەۋپىق) تەرىپىدىن يەزىلىپ، شەرقىي تۈركىستانلىقلار تەرىپىدىن ئوقۇلغان "قۇرتۇلۇش يولىدا" ناملىق شەئىرىدۇر. دۆلەتنىڭ مىللىي مارشى يەنە مەمتىلى ئەپەندىنىڭ "تارىختىن ئەۋۋەل بىز ئىدۇق، تارىختىن سوڭرە يەنە بىز" دىگەن شەئىرىدۇر. مىللىي قەسەم ئابدۇلەزىز مەخسۇم يازغان "ئايرىلمىسۇن" ناملىق شېئىر. (قوشۇمچە ك، د ۋە ئە گە قاراڭ)

6-ماددا: دۆلەت تىلى، دىنى ۋە پايتەختى
شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت تىلى-ئۇيغۇر تۈركچىسىدۇر. قازاق تۈركچىسى بىلەن قىرغىز تۈركچىسى مىللىي تىل قاتارىدا قوللىنىلىدۇ.
دىنى: ئىسلامدۇر.دۆلەت باشقا دىنلارنىمۇ ھۆرمەت قىلىدۇ، قوغدايدۇ، ھەرخىل دىنىي ھوقۇقلارغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.
دۆلەتنىڭ پايتەختى: ئۈرۈمچى.

7-ماددا: ئاساسى قانۇننىڭ يۇقۇردا يەزىلغان بىرىنچى، ئىككىنچى، ئۈچىنچى، تۆتىنچى، بەشىنچى ۋە ئالتىنچى ماددىللىرى ھەرقانداق شارائىتتا ئۆزگەرتىلمەيدۇ ۋە ئۆزگەرتىشكە تەشەببۇس قىلىنمايدۇ.

ئىككىنچى بۆلۈم

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى

8 - ماددا: 2004-يىلى 14-سەنتەبىردە ئامەرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگىتوندا قۇرۇلغان سۈرگۈندىكى شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى-ۋەتىنىمىز تاجاۋۇزچى خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ قولىدىن ئازات بولغانغا قەدەر شەرقىي تۈركىستان خەلقىغە ۋاكالىتەن ھوقۇق يۈرگۈزىدىغان، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بىردىن بىر ھوقۇقلۇق ئورگان بولۇپ ھەساپلىنىدۇ.
9-ماددا: سەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسى ۋەزىپىسى-دۇنيادىكى بارلىق دەموكراتىيىنى، ھەققانىيەتنى، تەنچلىقنى سۆيىدىغان، كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىدىغان دۆلەتلەر، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باشچىلىغىدىكى بارلىق خەلقئارا تەشكىلاتلار، خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇلارنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى تاجاۋۇزچى كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى يۈرگۈزىۋاتقان دۆلەت تەررورىزىمىغا قارشى كۈرەشكە تەشكىللەپ، ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستننىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت.
10-ماددا: شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنىڭ مىنىستىرلىرى باش مىنىستىرنىڭ قول ئاستىدا مىنىستىرلار كابىنەتى بولۇپ تەشكىللىنىدۇ. مىنىستىرلار كابىنەتىدا ھۆكۈمەت پروگراممىلىرىغا خىلاپلىق قىلغان مىنىستىرلار ئۈچ قەتىم ئاگاھلاندۇرىلىدۇ. بۇ ئاگاھلاندۇرۇشلارغا ئەتىبار قىلمىغان تەقدىردە مىنىستىرلار كابىنەتىنىڭ قارارى ۋە دۆلەت رەئىسىنىڭ تەستىقى بىلەن باش مىنىستەر تەرىپىدىن كابىنەتتىن چىقىرىلىدۇ.
11-ماددا: ھۆكۈمەتنىڭ مىنىستىرلار كابەنىتى يىلدا بىر ياكى ئىككى قەتىم يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، ھۆكۈمەت پروگراممىلىرىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىدىن باش مىنىستىر ۋە كابەنىتقا دوكلات سۇنىدۇ ۋە ھۆكۈمەت پروگراممىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ چارە-تەدبىرلىرىنى مۇزاكىرە قىلىپ بەكىتىدۇ.
خىتاي بىلەن سىياسى ۋە ئىقتىسادى مۇناسىۋىتى بولغان ھەرقانداق شەرقىي تۈركىستانلىقنى پارلامەنت ئەزاسى ۋە مىنىستىر قىلىپ سايلاشقا بولمايدۇ. پارلامەنت ۋە ھۆكۈمەت ئەزالىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مۇددەت ئىچىدە ھەرقاناداق سەۋەپ بىلەن خىتايغا، خىتاي مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى دۆلەت ۋە رايونلارغا بەرىشى مەنئى قىلىنىدۇ.

ئۈچىنچى بۆلۈم

شەقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پارلامەنت سايلىمى ۋە ۋەتەنداشلىق

12-ماددا: پارلامەنت ئۆزىگە بىر رەئىس، بىر مۇئا’ۋىن رەئىس، بىر باش كاتىپ، ئىككى كاتىپنى پارلامەنت ئەزالىرى ئىچىدىن تۆت يىللىق مۇددەت ئۈچۈن ئۈچتە ئىككى ئاۋاز بىلەن سايلاپ چىقىدۇ. پارلامەنت ئەزالىرىنىڭ تەكلىۋى بىلەن قانۇنلاشقان ۋە ھەرقايسى رايونلاردىن دەموكراتىك ئۇسۇلدا سايلانغان ۋەكىللەردىن تەشكىللەنگەن پارلامەنت ئالاھىدە ئەھۋاللاردىن سىرت ھەر تۆت يىلنىڭ بىرىنچى يىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 10- كۈنى ئەچىلىپ، تۆتىنچى يىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 11-كۈنى ئاخىرلىشىدۇ. پارلامەنت بۇ ئاساسى قانۇننىڭ 17-، 18-، 19- ماددىلىرىغا ئاساسەن پارلامەنت ئەزالىرىنى سايلاپ چىقىپ پارلامەنتنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرىدۇ. 11-ئاينىڭ 12- كۈنى سايلانغان پارلامەنت ئەزالىرى قەسەم بەرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇپ ئالىدۇ. يەڭى پارلامەنتنىڭ ۋۇجۇتقا كەلىشى، ھوقۇقلىرى ۋە ئەزا سانى قۇرغۇچى تۇنجى پارلامەنتنىڭ بەلگىلىمىلىرىنى ئاساس قىلىدۇ.
13-ماددا: شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىچىدە يۇرتنىڭ ئىشغال قىلىنىشىغا چەتىشلىق بولغان، دۈشمەنگە ياكى يۇرتنى ئىشغال قىلغۇچىلارغا ياردەم بەرگەن، ئۇلارغا قولايلىق يارىتىپ بەرگەنلىگى سەزىلگەن ھەرقانداق كىشىنىڭ پارلامەنت ئەزالىقىغا سايلىنىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
14-ماددا: دۆلەتنىڭ ئىشغال قىلىنىشى بىلەن مۇناسىۋىتى بولمىغان، دۈشمەنلەرگە ياكى تاجاۋۇزچىلارغا ياردەم بەرمىگەن، ئۇلارنى قوغداپ قالمىغان، شەرقىي تۈركىستاندا تۇغۇلغان، يەتتە ئەجدادىغىچە شەرقىي تۈركىستاندا ياشىغان ھەرقانداق كىشى شەرقىي تۈركىستانلىق ھەساپلىنىدۇ. شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىرتىدا ئۆزىنى شەرقىي تۈركىستانلىق دەپ ھەساپلىغان، شەرقىي تۈركىستاننى ئانا ۋەتىنىم دەپ قوبۇل قىلغان ھەرقانداق مۇھاجىر شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەبىئى ۋەتەندىشىدۇر.


تۆتىنچى بۆلۈم

پارلامېنت ئەزالىرى

15-ماددا:پارلامەنت سايلانغان پارلامەنت ئەزالىرىدىن تەشكىل قىلىنىدۇ. پارلامەنت ئەزالىرىنى 18 ياشتىن ئاشقان ھەربىر شەرقىي تۈركىستان ۋەتەندىشى، جىنسىي پەرقىگە قارىماي دەموكراتىك ئۇسۇللار بىلەن ئاۋاز بەرىش ئارقىلىق سايلاپ چىقىدۇ.
16-ماددا: ئەسكەر ۋە ساقچىلارنى ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مۇددەت ئىچىدە پارلامەنت ئەزالىقىغا سايلاشقا بولمايدۇ. ئەمما، سايلام مەزگىلىدىن ئاز دىگەندە ئۈچ ئاي بۇرۇن ئىستىپا بەرىش شەرتى بىلەن سايلاش ۋە سايلىنىش ھوقۇقىغا ئىگە بولالايدۇ.

17-ماددا: دۆلەت ئىچىدە ھەر 60 مىڭ نوپۇستىن بىر پارلامەنت ئەزاسى سايلىنىدۇ. سۈرگۈندىكى پارلامەنت ئۈچۈن پارلامەنت ئەزالىرى ياشاۋاتقان دۆلەتلەردىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ نوپۇس سانىغا ۋە ئۇلارنىڭ ئەمىلى ئەھۋالىغ ئاساسەن، تۇنجى قۇرغۇچى پارلامەنتنىڭ تەستىقى بىلەن قانۇنلاشقان بەلگىلىمىلەر بويىچە سايلىنىدۇ. ئەمما، سۈرگۈندىكى پارلامەنت ئەزالىرىنىڭ سانى 60 كىشىدىن كەم بولماسلىغى كەرەك.
18-ماددا: پارلامەنت خادىملىرى پارلامەنت رەئىسى تەرىپىدىن تەيىنلىنىدۇ.

19-ماددا: پارلامەنت ئەزالىرى ئىچىدە ۋاپات بولغان ياكى ھەرقانداق سەۋەپ تۈپەيلىدىن ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئورنىغا پارلامەنتنىڭ قارارى بويىچە بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە شۇ ۋەكىل تەۋەلىگىدىكى رايون تەرىپىدىن پارلامەنت ئەزالىرى تولۇقلاپ سايلىنىدۇ. ئەمما سۈرگۈندىكى پارلامەنتنىڭ ئەزاسى ۋاپات بولغان ياكى ئىستىپا بەرگەن تەقدىردە، شۇ پارلامەنت ئەزاسى تۇرۇشلۇق دۆلەتتىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئىچىدىن تولۇقلاپ سايلىنىدۇ.

بەشىنچى بۆلۈم

قانۇنلار ۋە قارارلار

20-ماددا: بارلىق قانۇنلار پارلامەنت تەرىپىدىن تۈزۈپ چىقىلىدۇ. بۇ قانۇنلار ئۈچتە ئىككى ئاۋاز بىلەن ماقۇللىنىدۇ. ماقۇللانغان قانۇنلارنى ھۆكۈمەت ئىجرا قىلىدۇ.

21-ماددا: بارلىق قارارلار ھۆكۈمەت تەرىپىدىن چىقىرىلىدۇ. باش مىنىستىر بىر ياكى ئىككى مىنىستىرنى ھۆكۈمەت باياناتچىسى قىلىپ تەيىنلەيدۇ.

ئالتىنچى بۆلۈم

پارلامەنت ۋە دۆلەت ئارمىيىسى

22-ماددا: دۆلەت رەئىسى دۆلەت ئارمىيىسىنىڭ ئالى باش قوماندانىدۇر.

23-ماددا: تەنچلىق مەزگىللىرىدە دۆلەت رەئىسى تەرىپىدىن كۆرسىتىلگەن ئەڭ تەجرىبىلىك، ئابرويلۇق، دۆلەت ئارمىيىسى ئىچىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر ۋە ئىشەنچلىك بىر يۇقۇرى دەرىجىلىك ئوفىتسەر دۆلەت ئارمىيىسىگە دۆلەت رەيىسىگە ۋاكالىتەن قوماندانلىق قىلىدۇ ۋە باش قوماندان قىلىپ تەيىنلىنىدۇ.

24-ماددا: پارلامەنت دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى قوغداش ئۈچۈن ھەربى سەپەرۋەرلىك، ئۇرۇش ئەلان قىلىش، دۆلەت مەنپەئەتىنى ئاساس قىلىش شەرتى ئاستىدا چەتئەللەر بىلەن بولىدىغان شەرتنامىلارنى تۈزۈش ۋە ئىمزالاش ھوقۇقىنى ئۈچتە ئىككى ئاۋاز بىلەن ھۆكۈمەتكە بەرىدۇ.

يەتتىنچى بۆلۈم

دۆلەت رەئىسىنىڭ سايلىنىشى ۋە ھوقۇقلىرى

25-ماددا: شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق داۋاسىغا ئۆزىنى ئاتىغان، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن پىداكارلىق بىلەن ئىشلەيدىغان، ئالى مەكتەپنى تاماملىغان، پارلامەنت ئەزاسى بولۇپ سايلانغان، ۋەتەنداشلار ئارىسىدا ھۆرمەتكە سازاۋەر، مىللىي ئالاھىدىلىكلىرىنى ساقلىغان، 40 ياشقا توشقان تۈرك نەسلىدىن بولغان ھەرقانداق شەرقىي تۈركىستانلىق ئىچىدىن سايلام ئارقىلىق دۆلەت رەئىسى سايلىنىدۇ ۋە سايلانغان دۆلەت رەئىسى قەسەم بىلەن ئۆز ئەزىپىسىنى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ.(قوشۇمچە ئە كە قاراڭ)

26-ماددا: دۆلەت رەئىسىنىڭ ھوقۇقلىرى: دۆلەت رەئىسى باش مىنىستەر نامزاتىنى كۆرسىتىدۇ، باش مىنىستىر تەرىپىدىن سۇنۇلغان ھۆكۈمەت كابىنەتىنى تەستىقلايدۇ. مىنىستىرلىككە تەيىنلەنگەن نامزاتلارنى ئىسپات بىلەن يەڭگۈشلەش ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ھەققىدە باش مىنىستىرگە يازما تەكلىپ بەرىدۇ.

دۆلەت رەئىسى كەسەللىك، ساياھەت ياكى باشقا سەۋەپلەر بىلەن ۋەزىپىسىنى ئادا قىلالمىغان ۋاقىتلاردا، پارلامەنت ئەزاسى بولغان مۇئا’ۋىن دۆلەت رەئىسى دۆلەت رەئىسىنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنگە ياكى ساياھەتتىن قايتقانغا قەدەر دۆلەت رەئىسىنىڭ بارلىق ھوقۇقلىرىنى ئۆز ئۈستىگە ئەلىپ ئۇنى بەجىرىدۇ. دۆلەت رەئىسى ۋاپات بولغان تەقدىردە، پارلامەنت تەرىپىدىن يەڭى دۆلەت رەئىسى سايلانغانغا قەدەر دۆلەت رەئىسىنىڭ ۋەزىپىسىنى بەجىرىدۇ. بۇ ماددا سۈرگۈندىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى ئۈچۈنمۇ كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

دۆلەت رەئىسى دۆلەت بىرلىگىنىڭ سىمۋولىدۇر. دۆلەت رەئىسى پارلامەنت تەستىقلىغان قانۇن، شەرتنامىلار، قارارلارنى ئىمزالايدۇ، چەتئەللەرگە ئەلچىلەرنى تەيىنلەيدۇ ۋە چەتئەل ئەلكىلىرىنى قوبۇل قىلىدۇ. ئەدىليە مىنىستىرىنىڭ تەكلىۋى بىلەن ئەغىر گۇناھكارلارنى كەچۈرۈم قىلىدۇ، ياكى جازاسىنى يەنىكلىتىدۇ.

سەككىزىنچى بۆلۈم

باش مىنىستىرنىڭ سايلىنىشى ۋە ھوقۇقلىرى

27-ماددا: شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق داۋاسىغا ئۆزىنى ئاتىغان، بۇ داۋاغا ئىشەنچىسى كامىل بولغان، 40 ياشقا توشقان، ۋەتەنداشلار ئارىسىدا ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان، مىللى ئالاھىدىلىكلىرىنى ساقلىغان، پارلامەنت ئەزاسى بولۇپ سايلانغان، تۈرك نەسلىدىن بولغان ھەر قانداق شەرقىي تۈركىستانلىق شەرقىي تۈركىستان دۆلەت رەئىسى تەرىپىدىن باش مىنىستىرلىك نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلىدۇ. باش مىنىستىر مىنىستىرلار كابىنەتىنى تەشكىللەپ دۆلەت رەئىسىنىڭ تەستىقىدىن كەيىن پارلامەنتقا سۇنۇدۇ. پارلامەنت ئۇنىڭ ھۆكۈمەت پروگراممىسىنى ماقۇللىغاندىن كەيىن، بۇ مىنىستىرلار كابىنەتىنى ئۈچتە ئىككى ئاۋاز بىلەن تەستىقلايدۇ. بۇ جەرياندا ئەسلىدىكى كابىنەت ئۆز خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىدۇ.

28-ماددا: باش مىنىستىر پارلامەنتقا ۋەتەننىڭ ئومۇمى ئەھۋالى، ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتى ھەققىدە ئاز دىگەندە يىلدا بىر قەتىم مەلۇمات بەرىدۇ ۋە ئۆزى توغرا تاپقان تەقدىردە پارلامەنتنىڭ سايلىمى ئەلىپ بەرىلىپ بىر دەۋر ئاخىرلاشقاندىن كەيىن، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى يەڭى ۋەكىللەرنى سايلاش ئۈچۈن، سايلام ۋاقتىنى بەكىتىشكە، ئۇرۇش ۋە تەنچلىق زامانلىرىدا دۆلەت ئارمىيىسىنى سەپەرۋەر قىلىشقا، كابىنەت ئەزالىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى نازارەت قىلىشقا، مىنىستىرلار كابىنەتىنىڭ قارارلىرىغا زىت ھەرىكەت قىلغان مىنىستىرلارنى ئۈچ قەتىم ئاگاھلاندۇرۇشقا ۋە بۇ ئاگاھلاندۇرۇشلارغا ئەتىبار بەرمىگەن تەقدىردە، باش مىنىستىر دۆلەت رەئىسىنىڭ تەستىقى بىلەن بۇلارنى كابىنەتتىن چىقىرىشقا، قانۇنلارنىڭ ئادىل ئىجرا قىلىنىشىغا ۋە ۋەتەننىڭ پەۋقۇلئاددە ئەھۋال ئاستىدا قالغان مەزگىللىرىدە قانۇن كۈچىگە باراۋەر قارارلارنى چىقىرىشقا، پارلامەنت قارارى بىلەن ھەربى ھالەت ئېلان قىلىشقا ھوقۇقلۇقتۇر.

توققۇزىنچى بۆلۈم

پارلامەنتنىڭ ھوقۇقلىرى

29-ماددا: مەزكۇر پارلامەنت ھەممە قانۇن ۋە نىزاملارنى چىقىرىشقا، باج قانۇنىنى چىقىرىشقا، قەرزلەرنى تۆلەشكە ۋە ئومۇمنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداشقا، ئومۇمى باج بىلەن ئىمپورت-ئەكىسپورت توۋارلىرىدىن ئەلىنىدىغان باج قانۇنىنى چىقىرىشقا، باجنىڭ شەرقىي تۈركىستان تەرىتورىيىسى ئىچىدە باراۋەر ۋە بىر خىل ئۆلچەملىك بولۇشىغا مۇناسىۋەتلىك قانۇنلارنى چىقىرىشقا ھوقۇقلۇقتۇر. پارلامەنت يەنە تۆۋەندىكى ساھەلەرگە مۇناسىۋەتلىك قانۇنلارنى چىقىرىدۇ:

30-ماددا: شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەلدىن قەرز ئەلىشىغا، سودا-سەتىق ئىشلىرى بىلەن تاشقى سودىنى كونتىرول قىلىشىغا؛

31-ماددا: ۋەتەنداشلىققا قوبۇل قىلىش، ۋەتەنداشلىقتىن چىقىرىش، ھەمدە كىرىزىسكە سەۋەپچى بولىدىغان بانكا پۇل پاخاللىغىنىڭ ئالدىنى ئەلىشقا ۋە بانكىلار قانۇنىنى چىقىرىشقا؛

32-ماددا: پۇل بەسىش ۋە پۇلنىڭ قىممىتىنى قوغداش، چەتئەل پۇللىرىنىڭ كۇرسىنى بەلگىلەشكە، ئۆلچەم بىرلىكلىرىنى بەكىتىشكە؛
33-ماددا: ساختا پۇل ياسىغۇچىلارنى جازالاشقا؛
34-ماددا:پوچتىخانا، دوختۇرخانا، مەكتەپلەرنى ئەچىش ۋە بىناكارلىق-قۇرۇلۇشلىرىنى ئەلىپ بەرىشقا؛

35-ماددا: يازغۇچى ۋە سەنئەتچىلەر، ئىلىم-پەن ساھەسىدىكىلەرگە قەلەم ھەققى بەرىش، ئۇلارنىڭ ئىجادىيەت ھوقۇقىنى قوغداش ۋە ئەركىن پائالىيەت قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا؛

36-ماددا: ئالى سوت مەھكىمىسى ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن بولغان سوت مەھكىمىلىرىنى قۇرۇشقا؛
37-ماددا: دۆلەت چەگرىسىدىكى ئەتكەسچىلىك، تاموجنىدىكى كۆز بويامچىلىق ھادىسىلىرىنى ئەنىقلاش ۋە بۇلارغا مۇناسىۋەتلىك قانۇنلارغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى جازالاشقا؛

38-ماددا: سىرتقا ئۇرۇش ئەلان قىلىش، ۋەتەنگە قىلىنغان ياكى قىلىنىش ئەھتىمالى بولغان تاجاۋۇزچىلىقلارغا تاقابىل تۇرۇشقا؛

39-ماددا: دۆلەت ئارمىيەسىنى تەربىيىلەش، كۈچەيتىش ۋە ئۇنى باشقۇرۇشقا؛
40-ماددا: دۆلەتنىڭ بىر پۈتۈنلىگىنى قوغداش، توپىلاڭنى تىنجىتىش، تاجاۋۇزنى توساش ئۈچۈن ئارمىيەنى ھەربى ۋەزىپىگە سەپەرۋەر قىلىشقا؛

41-ماددا: ئەسكەرلەرنى تەشكىللەش، قوراللاندۇرۇش، باشقۇرۇش، ئوفىتسىرلەرنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش، پارلامەنتنىڭ ھەربى تۈزۈمىگە بىنائەن ھەربى تەلىم- تەربىيە ئەلىپ بەرىشقا؛

42-ماددا: شەرقىي تۈركىستان پارلامەنتى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ ۋە ئۇنىڭ ھەرقايسى ئورگانلىرىنىڭ ياكى ھۆكۈمەت ئەرباپلىرىنىڭ يۇقۇرىدا بايان قىلىنغان قانۇنلارنى ئىجرا قىلىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان بارلىق قانۇنلانى چىقىرىشقا ۋە قانۇنلاشتۇرۇشقا ھوقۇقلىقدۇر.

ئونىنچى بۆلۈم

ۋەتەنداشلارنىڭ ھەقلىرى ۋە پارلامەنتنىڭ ھەقلىرى

43-ماددا: پارلامەنت شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھوقۇقلىرىغا، قانۇن ئالدىدا باراۋەرلىكىگە، دىنى ئەتىقادلىرىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. پارلامەنت تۆۋەندىكى ئىشلار ھەققىدە قانۇن چىقارمايدۇ:

ھەركىمنىڭ ئېتىقاد قىلغان دىنىغا ئەركىن ئىبادەت قىلىشىغا چەكلىمە قويىدىغان، چۈشەنچە ۋە سۆز ئەركىنلىگىنى، نەشىرىيات ئەركىنلىگىنى چەكلەيدىغان، يىغىلىش ئەركىنلىگى بىلەن ھۆكۈمەتكە خالىغان تەمىدا ئىلتىماس سۇنۇش ئەركىنلىگىنى چەكلەيدىغان، ۋەتەنداشلارنىڭ ئىمتىياز ۋە ئالاھىدىلىگىنى تۆۋەنلىتىدىغان قانۇنلار.

44-ماددا: شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىنىڭ رۇخسىتى بىلەن خەلق قورال ساقلاش ۋە قورال ئەلىپ يۈرۈش ئەركىنلىكىگە ئىگە.

45- ماددا: تاجاۋۇزچىلارغا ھەمكارلىشىپ ۋەتەننىڭ ئىشغال قىلىنىشىغا ۋاستىچىلىق قىلغان، دۈشمەنلەرگە ياكى ۋەتەننى ئىشغال قىلغۇچىلارغا ئاشكارا ياكى يوشۇرۇن ياردەم بەرگەنلەر، جىنايىتىنىڭ ئەغىر-يەڭگىللىكىگە قاراپ سوتقا تارتىلىدۇ ۋە جازالىنىدۇ.

46-ماددا: قانۇندا رۇخسەت قىلىنغان ئەھۋالدىن باشقا مەيلى تەنچلىق دەۋرىدە بولسۇن ياكى ئۇرۇش دەۋرىدە بولسۇن، ھەرقانداق ئەسكەر ياكى ساقچىنىڭ مۈلك ئىگىسىنىڭ ماقۇللۇغىنى ئالماي تۇرۇپ ۋە سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارىنى كۆرسەتمەي تۇرۇپ ھەرقانداق كىشىنىڭ مۈلكىنى تەكشۈرۈش ياكى مۇسادىرە قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ.

47-ماددا: كىشىلەر يانلىرىنى، ئۆيلىرىنى، خەت-چەكلىرىنى، چوڭ-كىچىك بۇيۇملىرىنى ۋە ئۆزىنى قانۇنسىز ئاختۇرۇش ۋە چەقىلىشقا قارىتا قانۇنى قوغدۇنۇش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇپ ئۇنىڭغا دەخلى قىلىنمايدۇ.

48-ماددا: ئۇرۇش يۈز بەرمىگەن، ھەربى ھالەت ئەلان قىلىنمىغان ياكى ئومۇمى خەلقنىڭ بىخەتەرلىگى تەھدىتكە ئۇچىرىمىغان ئەھۋاللاردا ھەچكىم سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارىسىز ۋە تەپتىشنىڭ يازما ئەيىپلىشى بولماي تۇرۇپ جىنايى جاۋاپكارلىقى ئۈچۈن قولغا ئەلىنمايدۇ. ھەرقانداق كىشىنى ئوخشاش جىنايىتى ئۈچۈن ئىككى قەتىم ئەيىپلەشكە بولمايدۇ. ھەككىم قانۇنى جەريانلاردىن ئۆتكۈزۈلمەي تۇرۇپ ئەركىنلىكىدىن، مال–مۈلكىدىن ، ھاياتىدىن مەھرۇم قىلىنمايدۇ. ئادىل تۆلەم تۆلەنمەي تۇرۇپ ھەچكىمنىڭ خۇسۇسى مۈلكى مۇسادىرە قىلىنمايدۇ ياكى خەلققە تەقسىم قىلىپ بەرىلمەيدۇ.

49-ماددا: ھەرقانداق جىنايى دەلونى بىرتەرەپ قىلىشتا، جاۋاپكار بىتەرەپ بىر سوت مەھكىمىسىدە قانۇن بويىچە سوتلىنىدۇ، گۇناھلىرى ۋە قارىلىنىش سەۋەپلىرىدىن خەۋەرلەندۇرۇلىدۇ، گۇۋاھچىلار بىلەن يۈزلەشتۈرىلىدۇ، ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن شاھىد كۆرسىتىپ بەرەلەيدۇ ۋە ئۆزىنى ئاقلاس ئۈچۈن ئادۋۇكات تۇتالايدۇ.

50-ماددا: قارىلانغۇچىنى قەبىھ ۋە غەيرى- نورمال ئۇسۇلدا جازالاشقا، ئۇنىڭدىن ئارتۇقچە كاپالەت پۇلى ياكى جەرىمانە تەلەپ قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ. گۇناھكار جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى جىنايىتىنىڭ ئەغىر-يەڭگىللىكىگە ئاساسەن جازالىنىدۇ.

51-ماددا: ۋەتەنداشلارنىڭ ئاساسى قانۇندا بەرىلگەن ھوقۇقلىرى، بەھرىمان بولۇشقا تەگىشلىك قانۇنلۇق ھوقۇقلىرى ئىنكار قىلىنمايدۇ.

52-ماددا: سوتتا جىنايەتچىگە بەرىلگەن جازادىن سىرت يەنە ئۇنى مالاي قىلىۋەلىش، مەجبۇرى ئەمگەككە سەلىش ۋە ئىجتىمائى ئورنىغا قاراپ كەمسىتىش مەنئى قىلىنىدۇ. شەرقىي تۈركىستان ۋەتەنداشلىرى قانۇن ئالدىدا باراۋەردۇر.

 

ئون بىرىنچى بۆلۈم


ھۆكۈمەتنىڭ ھوقۇق چەكلىمىسى

53-ماددا: ھۆكۈمەتنىڭ قانۇندا كۆرسىتىلگەن دائىرىدىن سىرت پۇل سەرپ قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمما دۆلەتنى تونۇتۇش ۋە ئۇنىڭ بىخەتەرلىگىنى ساقلاش ئۈچۈن باش مىنىستىر پارلامەنتنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتكۈزۈپ مۇۋاپىق مىقداردىكى مەبلەغنى ساقلاش، خىراجەت قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە. پارلامەنت دۆلەتنىڭ بىر يىللىق خامچوت ۋە راسخوت پىلانىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ تەستىقلايدۇ، مۇناسىۋەتلىك مىنىستىرلىك ۋە ئورگانلاردىن ھەر يىلى راسخوتلارنىڭ چىقىم قىلىنىش ئەھۋالىدىن تەپتىش ھەيئىتى ئارقىلىق ھەساپ ئالىدۇ. تەپتىش ھەيئىتى پارلامەنت ئەزالىرى ئىچىدىن ئاۋازغا قويۇپ سايلاپ چىقىلىدۇ، ھەيئەتلەر 3،5،7،9 كىشىدىن تەشكىل تاپىدۇ.

54-ماددا: شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى ھىچكىمگە ئالاھىدە ئىمتىيازلىق مەنسەپنى ھەدىيە قىلمايدۇ. ھۆكۈمەتتە ۋەزىپە ئۆتىگۈچى شەخس ياكى پارلامەنت ئەزاسى پارلامەنتنىڭ رۇھسىتىسىز دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ھەچكىمدىن ھەدىيە ياكى مەنسەپ قوبۇل قىلمايدۇ. ئەمما دۆلەتنىڭ مىللىي مەنپەئەتى يۈزىسىدىن بىر قىسىم دۆلەت خادىملىرى، زىيالىلار شەرەپ ئۇنۋانلىرى ۋە خاتىرە بۇيۇملىرىنى ئەلىش ۋە بەرىش ھوقۇقىغا ئىگە.

ئون ئىككىنچى بۆلۈم

ئەدلىيە

55-ماددا: شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئەدلىيە سەستىمىسى پارلامەنت تەرىپىدىن ئالاھىدە چىقىرىلغان قانۇنغا ئاساسەن قۇرۇلغان مۇستەقىل ئاساسى قانۇن مەھكىمىسى، ئالى سوت مەھكىمىسى ۋە سوت مەھكىمىلىرى ئارقىلىق پائالىيەت قىلىدۇ. سوتچىلار ۋە تەپتىشلەر ئەدلىيە مىنىستىرى تەرىپىدىن ئالى مەكتەپنىڭ قانۇن فاكولتەتلىرىنى پۈتتۈرگەن، خىزمەت تارىخى پاك، خەلق ئىچىدە ئابرويلۇق قانۇنشۇناسلار ئىچىدىن تەيىنلىنىدۇ. سودىيە ۋە تەپتىشلەر بىتەرەپ تۇرۇپ ۋەزىپىلىرىنى ئادىللىق بىلەن بەجىرىدۇ.

56-ماددا: سوتلانغانلار تۆۋەن دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرىنىڭ چىقارغان قارارى ۋە ھۆكۈمنامىلىرى ھەققىدىكى نارازىلىق ئەرزلىرىنى يۇقۇرى سوت مەھكىمىسى ھەساپلانغان ئالى سوت مەھكىمىسىگە سۇنۇش ھوقۇقىغا ئىگە.

57-ماددا: شەرقىي تۈركىستان ئەدلىيە سەستىمىسى ئاساسى قانۇندا بەلگىلەنگەن بارلىق قانۇنلارنى بىتەرەپ ئىجرا قىلىدۇ، خەلقئارا كەلىشىملەردە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى تەرەپتە تۇرۇپ خەلقئارا قانۇنلارنى كۆزدە تۇتقان ئاساستا ئىش بەجىرىدۇ.

شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى ئاساسى قانۇندا بەلگىلەنگەن پۈتۈن قانۇنلارنىڭ تەرەپسىز ھالدا ئەدلىيە تەرىپىدىن ئىجرا قىلىنىشىغا، خەلقارا قانۇنى كەلىشىملەرنىڭ ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئىمزالىغان بارلىق خەلقارا قانۇنى ئەھدىنامىلارنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرىلىشىغا مەسئۇل بولىدۇ.

58-ماددا: بارلىق جىنايى ئىشلار دەلولىرى تەپتىشنىڭ قانۇنى شىكايەتنامىسىگە ئاساسەن بىتەرەپ سوتقا تاپشۇرىلىدۇ.

59-ماددا: دۆلەت ئىچىدە شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىگە قارشى ئۇرۇش ئېلان قىلىش، دۆلەت دۈشمەنلىرىنىڭ ياكى دۆلەتنى ئىشغال قىلغۇچىلارنىڭ ئىرادىسى بويىچە ئۇلارغا ياردەم قىلىش، ئۇلارغا قولايلىق يارىتىپ بەرىش- ۋەتەنگە ئاسىلىق قىلىش جىنايىتى بولۇپ ھەساپلىنىدۇ. ئىككى نەپەر گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى بولمىغان ۋە بىتەرەپ سوت مەھكىمىسىنىڭ ئەتىراپ قىلىشى بولمىغان ئەھۋالدا ھەككىمنى ۋەتەنگە ئاسىلىق قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىپلەشكە بولمايدۇ.

60-ماددا: پارلامەنت "ۋەتەنگە ئاسىلىق قىلىش جىنايىتى" ھەققىدىكى قارارلارنى تەستىقلاش ھوقۇقىغا ئىگە.

ئون ئۈچىنچى بۆلۈم

ئاساسى قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش

61-ماددا: مەزكۇر پارلامەنت ھەرقانداق ۋاقىتتا پارلامەنتنىڭ ئۈچتەن ئىككى ئاۋازى بىلەن ئاساسى قانۇننىڭ ماددىلىرىغا تۈزىتىش كىرگۈزسە بولىدۇ. ئەمما ئاساسى قانۇننىڭ دەسلەپكى بىرىنچى، ئىككىنچى، ئۈچىنچى، تۆتىنچى، بەشىنچى ۋە ئالتىنچى ماددىلىرىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە بولمايدۇ ۋە تۈزىتىش كىرگۈزۈش ھەققىدە تەكلىپ بەرىشكە بولمايدۇ. تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ماددىلار ئاساسى قانۇننىڭ قوشۇمچە قىسمىدا ئەنىق كۆرسىتىلىدۇ.

62-ماددا: بۇ ئاساسى قانۇن ۋە ئۇنىڭغا ئاساسەن تۈزۈلگەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ قانۇنلىرى، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى تەرىتورىيىسىدە مۇقەددەستۇر. سوتچىلار مۇشۇ قانۇنلار بويىچە ئىش بەجىرىدۇ. شەرقىي تۈركىستاننىڭ پارلامەنت ئەزالىرى، دۆلەت رەھبەرلىرى، ئەدلىيە خىزمىتى ئىشلەيدىغانلار قەسەم بەرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇپ ئالىدۇ.

63-ماددا: سۈرگۈندىكى شەرقىي تۈركىستان پارلامەنتىنىڭ ئەزالىرى ھەر تۆت يىلدا بىر قەتىم 10-ئاينىڭ 1-ھەپتىسىدە شەرقىي تۈركىستان ۋەتەنداشلىرى تەرىپىدىن دوموكراتىك ئۇسۇلدا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق سايلىنىدۇ. شەرقىي تۈركىستاننى ئازات قىلغاندىن كەيىن پارلامەنت سايلىمى ھەر تۆت يىلدا بىر قەتىم، 11-ئاينىڭ دەسلەپكى ھەپتىسىدە ئەلىپ بەرىلىدۇ. 11-ئاينىڭ 12-كۈنى يەڭى پارلامەنت ئەڭ پەشقەدەم پارلامەنت ئەزاسىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە قەسەم بىلەن ۋەزىپە تاپشۇرۇپ ئالىدۇ. قەسەم مۇراسىمىدىن كەيىن پارلامەنت 14-ماددىغا ئاساسەن پائالىيەتلىرىنى ئەلىپ بارىدۇ.

64-ماددا: 2004-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق سايلانغان پارلامەنت ئەزالىرى ۋە مىنىستىرلار تۆت يىل كەيىنكى سايلامغىچە ۋەزىپىسىدە قالىدۇ ۋە ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ.

ئون تۆتىنچى بۆلۈم

ئاساسى قانۇن مەھكىمىسى

65-ماددا:ئاساسى قانۇن مەھكىمىسى-شەرقىي تۈركىستان پارلامەنتى تەرىپىدىن چىقىرىلغان مەخسۇس قانۇنغا ئاساسەن قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ مەھكىمە قانۇنلارنىڭ، قانۇن ھۆكمى بويىچە چىقىرىلغان قارارلارنىڭ ۋە شەرقىي تۈركىستان پارلامەنتى نىزامنامىلىرىنىڭ شەكىل ھەم ماھىيەت جەھەتتىن ئاساسى قانۇنغا ئۇيغۇن بولغان ياكى بولمىغانلىقى ھەققىدە نازارەت ئەلىپ بارىدۇ.

ئاساسى قانۇن مەھكىمىسى 11 نەپەر رەسمى ئەزا، 4 نەپەر كاندىدات ئەزادىن تەركىپ تاپىدۇ. ئاساسى قانۇن مەھكىمىسى ئەزالىرى ئۆز ئىچىدىن بىر كىشىنى ئاساسى قانۇن مەھكىمىسى باشلىقى، بىر كىشىنى باشلىق ۋەكىلى قىلىپ سايلاپ چىقىدۇ.

66-ماددا: ئاساسى قانۇن مەھكىمىسى ئەڭ ئالى مەھكىمە سۈپىتىدە سىياسى پارتىيىلەرنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلىشى ۋە مەلۇم سىياسى پارتىيىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا تەگىشلىك داۋالاردا جۇمھۇرىيەت باش تەپتىشىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇش ھەققىدىكى يازما دوكلات ۋە تەكلىۋىنى كۆزدىن كۆچۈرۈپ بۇ ھەقتە قارار كىقىرىدۇ. قارار چىقىرىشتىن ئاۋال، ئۇ پارتىيەنىڭ رەئىسى ياكى رەئىس ۋەكىلىنىڭ ئۆزىنى ئاقلاش ھەققىدىكى باياناتلىرىنى ئاڭلايدۇ.

67-ماددا: ئاساسى قانۇن مەھكىمىسى جۇمھۇرىيەت باش تەپتىشىنىڭ يازما شىكايىتى ۋە پارلامەنتنىڭ تەستىقى بىلەن دۆلەتنىڭ مىللىي مەنپەئەتىنى ئەغىر زىيانغا ئۇچراتقان دۆلەت رەئىسى، باش مىنىستىر ۋە مىنىستىرلارنى ئاساسى قانۇن مەھكىمىسىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرىدۇ. ئاساسى قانۇن مەھكىمىسى چىقارغان قارار كەسكىن بولۇپ، ئۇنىڭغا ئەتىراز بىلدۈرۈشكە بولمايدۇ.

68-ماددا: ئۇشبۇ ئاساسى قانۇن 14 بۆلۈم 68 ماددىدىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، مىلادىيە 2004-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 22-كۈنىگىچە ۋاشىنگىتوندا چاقىرىلغان قۇرۇلتايدا پارلامەنت ئەزالىرى تەرىپىدىن ماقۇللاندى ۋە ئەلان قىلىندى. بۇ ئاساسى قانۇننىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسى ئاساس قىلىنىدۇ.

قوشۇمچىلار

قوشۇمچە ئا:
دۆلەت بايرىقىنىڭ شەكلى

(1933-يىل 12-نويابىر قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بايرىقى)

Flag of the East Turksitan

 

قوشۇمچە ب:دۆلەت گىربىنىڭ شەكلى

(1933-يىلى 12-نويابىر قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت گىربى)

Amblem East Turkistan

 

قوشۇمچە ك: دۆلەتنىڭ ئىستىقلال مارشى

قۇرتۇلۇش يولىدا

مەمتىلى ئەپەندى (تەۋپىق)

 

قۇرتۇلۇش يولىدا سۇدەك ئاقتى بىزنىڭ قانىمىز،
سەن ئۈچۈن ئەي يۇرتىمىز بولسۇن پىدا بۇ جانىمىز.
قان كەچىپ ھەم جان بەرىپ ئاخىر قۇتۇلدۇردۇق سەنى،
قەلبىمىزدە قۇتقۇزۇشقا بار ئىدى ئىمانىمىز.

يار ھەمدەم بولدى بىزنىڭ ھىممىتىمىز سەن ئۈچۈن،
دۇنيانى سورىغان ئىدى ئۆتكەن ئۇلۇغ ئەجدادىمىز.
يۇرتۇمىز بىز يۈز-كۆزۈڭنى قان بىلەن پاكىزلىدۇق،
ئەمدى ھەچ كىرلەتمىگەيمىز چۈنكى تۈركتۇر نامىمىز.

ئاتىللا، چىڭگىز، تۆمۈر دۇنيانى تىترەتكەن ئىدى،
قان بەرىپ نام ئالىمىز بىز ئۇلارنىڭ ئەۋلادىبىز.
چىقتى جان ھەم ئاقتى قان دۈشمەندىن ئالدۇق ئىنتىقام،
ياشىسۇن ھەچ ئۆلمىسۇن پارلانسۇن ئىستىقبالىمىز.

قوشۇمچە د: دۆلەتنىڭ مىللىي مارشى

تارىختىن ئەۋۋەل بىز ئىدۇق، تارىختىن سوڭرە يەنە بىز

تارىختىن ئەۋۋەل بىز ئىدۇق، تارىختىن سوڭرە يەنە بىز،
قەلبىمىزدە ۋىجدانىمىز، بۇ بىزنىڭ ئىمانىمىز.
تۈرك بىز، ئانا يۇرتىمىزنىڭ كۆكسى بىز تۇچ سۇفەرى،
باش كەسىلسە قايتماس باسقان ئىزىدىن تۈرك ئەرلىرى.
يۇرتىمىزنىڭ ئالتۇنىدۇر تاغى بىرلە تاشلىرى،
ھەر بىرى بىر ئارسلاندۇر، بۇ ۋەتەننىڭ ياشلىرى.
يۇرتىمىز ئۈچۈن قۇرباندۇر ياشلىرىمىزنىڭ باشلىرى،
ئىمانى، ئىسسىق قانى، ئۇلارنىڭ يولداشلىرى.
ئوردىمىز ھەم يۇرتىمىز، مەشھۇر تۈركدۇر نامىمىز،
دىنىمىز، ئىمانىمىز، بۇ بىزنىڭ ۋىجدانىمىز.
يۇرتىمىز تۈركنىڭ يۇرتى، بىز ئۇنىڭ قۇربانىمىز،
بايرىقىمىز كۆك بايراق ئوتتۇرىسىدا ئاي-يۇلتۇز.

قوشۇمچە ئە:مىللىي قەسەم

ئايرىلمىسۇن- شېئىر
ئاپتورى : ئابدۇلەزىز مەخسۇم

قوشۇمچە ف: دۆلەت رەئىسى(پارلامەنت ئەزالىرى) نىڭ قەسىمى

دۆلەت رەيىسى (پارلامەنت ئەزاسى) بولۇش سۈپىتىم بىلەن، دۆلەتنىڭ داۋاسىنى، ئىستىقلالىنى ۋە ۋەتەننىڭ، مىللەتنىڭ بۆلۈنمەس پۈتۈنلىگىنى قوغدىشىمغا، ۋەتەننىڭ ئىستىقلالىنى مۇداپىيە قىلىشىمغا، قانۇنى ئاساستا ھوقۇقنىڭ ئالىلىقىغا ۋە كىشىلىك ھوقۇق پىرىنسىپلىرىغا ھۆرمەت قىلىشىمغا، شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىنىڭ شان-شەرەپىنى قوغدىشىمغا، دۆلەتنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن پۈتۈن كۈكۈم بىلەن خىزمەت قىلىشىمغا، ئۇلۇغ ئاللاھ ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئالدىدا ئار-نومۇس ۋە شەرىپىم بىلەن قەسەم قىلىمەن.

قوشۇمكە گ

بۇ ئاساسى قانۇن-سۈرگۈندىكى شەرقىي تۈركىستان پارلامەنت ئەزالىرىدىن ئەنۋەر يۈسۈپ تۇرانى، خىزىربەك گايرەتۇللاھ، سۇلتان ماخمۇت قەشقەرى، ھەنىفە ئەرباش كەتەنە، دەمىيان رەھمەت، ئايدوغان قۇبىلاي، İسمايىل جەڭگىز، سۇلتان مۇھەممەت، ئەركىن ئەزىزى تەرىپىدىن تۈزۈپ چىقىلغان بولۇپ، پارلامەنتقا سۇنۇلۇپ ماقۇللاندى ۋە ئەلان قىلىندى.

ئامەرىكا قوشما شىتاتلىرى، ۋاشىنگىتون

2004-يىلى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى

بۇ ئاساسى قانۇننى تەھرىرلەش ۋە ئۇيغۇرچە، تۈركچە نۇسخىسىلىرىنى نەشىرگە ھازىرلاش ۋەزىپىسى پروف.در. سۇلتان ماخمۇت قەشقەرى، خىزىربەك گايرەتۇللاھ، دەمىيان رەخمەت ۋە ئەركىن ئەزىزى قاتارلىقلارغا تاپشۇرۇلدى.

 

شەرقىي تۈكىستان جۇمھۇرييىتي سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى©2004-2015

XHTML 1.0 Strict xelqara ölchimige uyghun. CSS xelqara ölchimige uyghun.